• 2011-02-21

    ياخشىلىققا يامانلىق بارمۇ؟ ئىزدىسەڭ تېپىلار. - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]

    بىز تۇرمۇشىمىزدا تۈۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا دائىم دۇچ كېلىپ تۇرىمىز.

    بەزى يېقىن ئەل-ئاغىنىلەر، تۇنۇش بىلىشلەر تۇرمۇشىدىكى ھەرخىل قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى، پۇل ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن بىزدىن پۇل سورايدۇ. بۇنداق چاغدا بەرمىسىڭىز «ئەسكى» بولىسىز. ئۇلار سىزدىن ئالەمچە رەنجىيدۇ. ناۋادا پۇل بەرسىڭىز؛ 10 مىڭ يۈەن قەرز بەردۈك دەيلى، بۇ 10مىڭ يۈەننى ئىنتايىن ئاز ساندىكى، كۆڭلىدە ئىنسابى بار كىشىلەر 2-3 ئايدا، ئۇزاقراق بولسا 5-6 ئايدا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەمما شۇنداقمۇ ئادەملەر باركى، ئۇلار پۇلنى ئەپ بولۇپ سىزنىڭ قىيىنچىلىغىڭىز بىلەن كارى بولمايدۇ. پۇلىڭىزنى بىر يىل، 2-3 يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىتقىچىمۇ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ. پۇلنى سۇيلەپ بارسىڭىز، سىزدىن ئاغرىنىپ، سىزنى «ئەسكى» گە چىقىرىدۇ. ‹پۇلۇمنى بەر› دىسىڭىز سىزدىن رەنجىيدۇ، ‹پۇلۇمنى بەر› دىمىسىڭىز قىيىنچىلىغىڭىز سىزنى قىينايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆز پۇلىڭىز سىزگە ئەسقاتمايدۇ. قانداق قىلىسىز؟ ‹پۇلۇمنى بەرسىڭىز› دەپ يالۋۇرماقتىن، كۆڭەل چۈشەندۈرمەكتىن باشقا ئامال يوق. گاھىدا تېخى مېھمان قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆزەڭنىڭ پۇلى ئۆزەڭگە ئەسقېتىش تۈگۈل، ئۆزەڭگە دۈشمەن بولىدىغان ئەھۋاللار ۋە بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ.

    بىزنىڭ بىر ئايال مەكتەپ مۇدىرىمىز بولىدىغان. ئۇ ئۆرۈمچىگە يىغىنغا چىقىپ قايتاشىدا، مەكتەپ ھىساۋىغا ئوقۇتقۇچىلارغا بىر يۈرۈشتىن مەكتەپ فورمىسى تۈككۈزۈپ ئالغاچ كېتىشنى پىلانلاپ، مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بەدەن ئۆلچىمى، ۋە باشقا لازىملىقلىرىنى ئەچىقتۇرۇپ، مىڭبىر جاپادا ئوقۇتقۇچىلار فورمىسىنى تەييار قىلىپ، يۇرتقا ئالغاچ كەلگەن ئىدى. ئوقۇتقۇچىلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، باشتا ئىنتايىن خوش بولۇشۇپ مەكتەپ مۇدىرىمىزنى داڭلاپ كۆككە كۆتۈرۈشتى. كېيىمنى تارقاتقاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار بىردىنلا مۇدىردىن ئاغرىنىشقا باشلىدى. بەزىلەر ‹ماڭا كىچىكنى ئەكەپتۇ› دىسە، بەزىلىرى ‹ماڭا چوڭىنى ئەكەپتۇ› دىيىشتى. بەزىلەر ‹بۇ كىيىمنىڭ رەڭگى سەتكەن› دىسە، يەنە بەزىلىرى ‹رەختى ياخشى ئەمەسكەن› دىيىشتى. ھەتتا ‹نىمە قىلىدۇ مەكتەپ پورمىسىنى، ھەقەچان ئارىلىقتىن پايدا ئالغان گەپ، بولمىسا مەكتەپ بىكاردىن بىكار مەكتەپ پورمىسى ئېلىپ بېرەمتى› دىگۈچىلەرمۇ بولدى.

    ئۇندىن باشقا يەنە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدىغان بولساق، ناۋادا سىز 100 ئادەمگە ئوخشاشلا بىر جىڭدىن گۆش تارقىتىپ بەرسىڭىز، ئۇ چاغدا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ ھەممە ئادەم سىزگە رەخمەت، بارىكاللا ئېيتامدۇ؟ ياق! بىرسى ‹ئانىڭغا سېمىز گۆشنى بېرىپ، ماڭا ئورۇقنى بەردىڭ› دىسە، بەزىللىرى‹ئانىڭغا لوق گۆش بېرىپ، ماڭا سۆڭىكىنى بەردىڭ› دەيدۇ. ھەتتا ‹نىمىشقا ئانىڭغا قارا گۆش بېرىپ، ماڭا ياغ گۆش بېرىسەن› دەپ ياقىڭىزغا ئېسلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ.

    دەل شۇنداق بولغاچقا ئاتا-بوۋىلىرىمىز:-‹ياخشىلىققا يامانلىق بارمۇ؟ ئىزدىسەڭ تېپىلار›، ‹ياخشى كۆڭەلگە ئىشەك تەپتى›، ‹بېرىپ ئەسكى بولغۇچە، بەرمەي ئەسكى بول› .... دىگەندەك ھىكمەتلەرنى قالدۇغان.

    分享到: