• 2011-02-19

    «مۇنازىرە قانداق بۇلۇش كىرەك؟» كە قوشۇمچە - [مۇنبەردىكى ئىنكاسلار]

     

     

    ئەلكۈيى مۇنبىرىدە 2010-يىلى 10- ئاينىڭ 15-كۈنى جىن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز «مۇنازىرە قانداق بۇلۇش كىرەك؟» دىگەن تىمىدا بىر پارچە يازما ئېلان قىلدى. بۇيەردىن كۆرۈڭ. بۇيازمىدا مۇنازىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش، مۇنازىرە ئەخلاقى، مۇنازىرىدە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك دىگەن مەسىلىلەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ. بونۇڭغا پەنگىيار قېرىندىشىمىزمۇ ئىنكاس سۈپىتىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇيەردىن كۆرۈڭ. بۇ تېما ۋە ئىنكاسنىڭ ياخشىلىغىغا قاراپ كەمىنە پېقىرمۇ بىر ئىككى ئېغىز جۆيلۈپ قويدۇم.

    نەقىل :

    ئەگەر مۇنازىرە ئىلمىي، مەنتىقىلىق بولمىسا، ھەمىشە باشقىلارغا زەربە بېرىش، باشقىلارغا تىغ ئۇرۇش، باشقىلارنى غاجاش بىلەن داۋاملاشسا بىز بەزىبىر ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىيلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئىلمىي بولمىغان مۇنازىرىگە ئادەتتە ئۆتكۈر پىكىرلىكلەر پىكىر قاتناشتۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. بىز چوقۇم ئىلمىي پىكىر قىلىپ، بىلگەننى پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز. بىلمىگەننى سوراپ باشقىلارنىڭ قورسىقىدىكى ئومىچىنى چىقىرىشقا قىستىشىمىز كېرەك. پەقەت مۇنازىرە ئىلمىي، مەنتىلىق بولغاندا بەزىبىر پىكىرى ئۆتكۈر كىشىلەر تەبئىيلا مۇنازىرىگە پىكىر قاتناشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا بىز باشقىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇر مىۋىلىرىدىن ئۇزۇقلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر ئېڭىمىزنىڭ ئېىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھى پۈچەكلىك، مەنىۋىيىتى غۇربەتچىلىككە تولغان ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، مەنىۋى جەھەتتىن تەپەككۇرغا باي بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن .

    *****************************************************************

    يۇقارقى نەقىلدە پەنگەيار قېرىندىشىمىز توغرا دەيدۇ .

    مېنىڭ قارىشىمچىمۇ ئادەتتە ئۆتكۈر پىكىرلىكلەر، پىشقان، مول تەجىربىگە ئىگە، بىر قەدەر ئەتراپلىق پىكىر قىلىدىغان بىلىملىك كىشىلەر، دەل بىزنىڭ ئىزدەپ يۈرگەن كىشىلىرىمىز بولۇپ، بۇنداق كىشىلەردىن يۇقۇدىغان ئەمەلى نەپمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. بۇخىل كىشىلەرنىڭ تېمىغا نىسپەتەن پىكىر قىلىشى قانداقتۇر تېمىنى ئىنكار قىلىش ياكى تېمىنى رەت قىلىش بولماستىن بەلكى تېمىغا نىسپەتەن تۇلۇقلاش رولىنى ئويناپ، تېمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇغانسىرىڭىز ئوقۇغۇڭىز كېلىدۇ. چۇنكى ئۇ سىزگە بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، تەپەككۈرىڭىزنى قاناتلاندۇرۇپ، تەبىئەت، جەمىيەت توغرىلۇق تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلۇنىشىڭىزغا يىتەكلەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى مۇنازىرە جەريانىدا بايقاش ئانچىمۇ تەس ئەمەس. بىز تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، مەنىسىنى تولۇق چۈشۈنۈپ، تېمىدا نىمە دىمەكچى، قايسى مەسىلىنى يورۇتماقچى ئىكەنلىگىنى چۈشنۈپ بلغاندىن كېيىن چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەستايىدىل ئوقۇساقلا تېمىغا نىسپەتەن ئەتراپلىق پىكىر قىلغانلارنى ئاسانلام بايقىۋالايمىز .

    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مۇنازىرىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىنكاستا يېزىلغان سۆزلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە مۇنازىرە جەريانىدا ئېغىزدىن چىققان سۆز ئەمەس، دىمەكچى بولغان ئوي-پىكىر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق ئىكەن مۇنازىرىدە سۆز ئويۇنى قىلىشقا، قارشى تەرەپنىڭ دىققەتسىزلىكتىن قىلىپ قويغان بىرەر ئېغىز سۆزىگە ئېسىلىۋېلىشقا قەتئى بولمايدۇ. مۇنازىرىدە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىغىمىز، ئىنكاستا نېمە دىمەكچى، قايسى پىكىرنى ئىلگىرى سۈرمەكچى، ئاخىرىدا قايسى مەقسەتكە يەتمەكچى ئىكەنلىگىنى تولۇق چۇشۇنۇپ ئاندىن ئۆز باھايىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم. مۇنازىرىدە ئېغىر بېسىق، سالماق بولۇش، ئەتراپلىق پىكىر يۇرگۈزۈش، سۆزىدىن پۇتاق چىقارماسلىق، ئوتتۇرىغا قويغان ئوي-پىكىر ئاساسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش، قارشى تەرەپنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ پاكىت، دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق رەت قىلىش، خاتالىقىڭنى ئېتىراپ قىلىشقا دادىل بولۇش، ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش- مانا بۇ مۇنازىرە جەريانىدىكى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاقتۇر .

    ئۆتكۈر پىكىرلىك، پىشقان، مول تەجىربىگە ئىگە، بىر قەدەر ئەتراپلىق پىكىر قىلىدىغان بىلىملىك كىشىلەرگە نىسپەتەن قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز؟ بۇ مەسىلىگە نىسپەتەن ھەر قايسىمىز ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاچقا، تۆۋەندە مەن بىر مىسالنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. مۇنبىرىمىزدا ھازىر ئاتا تۈرك مۇنازىرىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.  بۇيەردىن كۆرۈڭ. مۇشۇ مۇنازىرە جەريانىدا بىر توردىشىمىز دىمىگىراتىيە مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىۋىدى. بۇنىڭغا نىسپەتەن بەزى تورداشلار دىمىگىراتىيە ئۇنداق، دىمىكراتىيە مۇنداق، سىزنىڭ ئاتالمىش دىمىگراتىيىڭىز..دەپ ھېلىقى ئىنكاس يازغۇرىنى تويغۇزىۋەتتى. مېنىڭچە بولغاندا مەسىلىنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە باھا بېرىۋېتىش ياخشى ئىش ئەمەس، بۇ يەردە دىمىگراتىيە دىدى، سىز دەر ھاللا دىمۇگراتىيە ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ باھا بەرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ قانداق پۇزۇتسىيىرىڭىز؟ سىزنىڭچە بۇ سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى سىزچىلىك بىلمەسمۇ؟ مۇنازىرىنى سىرتتىن كۆزۈتۈپ تۇرغانلارچۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭ، ئاغزاكى ئىنكاس ئاسمانغا ئۇچۇپ كەتكەن بىلەن مۇنازىرىدىكى ئىنكاس ئۇچۇپ كەتمەيدۇ. تارىخ بولۇپ قالىدۇ. بىزنىڭ دىمىگراتىيىگە نىسپەتەن تاللاش ھوقۇقىمىز يوق. پەقەت دىمۇكراتىيىنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەسلىگىمىز بار. شۇڭا سىز مۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلسىڭىز ئۇدۇللام باھايىڭىزنى بېرىپ قاراپ ئولتۇرماي، قارشى تەرەپنىڭ باھاسىنى، ئوي-پىكرىنى بىلپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئوز باھايىڭىزنى ئوتتۇرغا قويسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. شۇڭا سىز مۇنداق چاغدا «سىز دىمىگراتىيە توغرىلۇق سىز مۇنداق دىدىڭىز، مېنىڭ قارىشىم مۇنداق ئىدى» دېسىڭىز بەلكىم سىز ئويلىمىغان، سىز تېگىگە يېتىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئىستەپ يۈرگەن بەزى مەسىلىلە بىراقلا ھەل بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بىراۋ سىزگە «پولو ياخشى» دىسە، سىز «پولو ياخشى ئەمەس» ياكى «پولۇ دىمىسىڭىزمۇ ياخشى» دىمەي، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىدىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «قانداقسىگە» دىسىڭىز. بولكىم پولونىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان ئالاھىدىلىكلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن .


    收藏到:Del.icio.us