-
2011-02-19
ئاقسا قانى ئەل ئۈچۈن، لازىمكى شۈكۈر ئەيلىمەك. - [ئەدەبىيات]
مۇستاپانى تىللىماڭلار، ئۇ تۈركنىڭ رەھبىرى،
ھۆر ئېلىنى قۇرۇپ چىققان، سالجۇق تۇركنىڭ سەرخىلى.
مۇستاپا يول باشلىغاچ، مەزلۇم خەلققە باش بولۇپ،
ئۆز ئېلىدە ئەركىن يۈرەر، سالجۇق تۈركنىڭ ھەربىرى.
موللىلارنى قەستلىدى، دىنىمىزنى خارلىدى،
بەزىلەر شۇنداق دىگەچ، داھىغا ئۇۋال ئەيلىدى.
ۋە لېكىن ئەركىن تۈركتە ئەزان ساداسى ياڭرىدى،
دۆلىتى بولغاچ ئۇلارنىڭ، ئىسلام قۇياشى پارلىدى .
ئىنقىلاپنىڭ ئېھتىياجى، چارە-تەدبىر ئەيلىمەك.
نە ھاجەت مۇستاپاغا، ئۆكتى پىكىر ئەيلىمەك.
ھۆر ۋەتەن بەرپا قىلىپ، خەلقى غەمسىز ياشىسا،
ئاقسا قانى ئەل ئۈچۈن، لازىمكى شۈكۈر ئەيلىمەك.
收藏到:Del.icio.us