• 2011-02-18

    خىزمەتتىكى يەتتىنچى تەتۈرلۈك - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]

    بىز كۈندىلىك خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزدە دائىم، «مەركەز بىلەن بىردەك بولۇش»، «يۇقۇرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بويسۇنۇش» دىگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا ”بىز مەركەز بولامدۇ، ياكى ئاپتونۇم رايۇنى بولامدۇ، ئىشقىلىپ باشلىق نىمىنى قىل دىسە شۇنى قىلىپ كەلدۇق، ئۇنداق بولسا بۇ يەردىكى مەركەز بىلەن بىردەك بولىدىغانلار زادى كىم؟“ دىگەندەك كىشىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان سوئاللار چىرمىۋالىدۇ. ھەممىمىز مەركەز بىلەن بىردەك بولىمىز. دەيمىزيۇ مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى قىلمايمىز. قانۇن بويىچە ئىش كۆرىمىز، قانۇن-تۇزۇمنى مۇكەممەللەشتۇرىمىز دەيمىز ئەمما قانۇنغا بىرىنچى بولۇپ ئۆزىمىز رىئايە قىلمايمىز. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز دەيمىزۇ خەلىقنىڭ ئۈلەر-تىرىلىشى بىلەن كارىمىز يوق. تېخىمۇ كونكىرىتنىراق قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندە مەن بىر نەچچە مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرىمەن.

    1. خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى بانا قىلىپ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى نورمالنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرمەسلىك. ئۇندىن باشقا ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان ھېيت-بايراملارغا قويۇپ بەرمەسلىك. ھەممىمىزگە مەلۇم. شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش توغرىلۇق مەركەزنىڭ ئېنىق قانۇن بەلگۈلىمىلىرى بار. ھېيت-بايراملاردا دەم ئېلىش توغرىلىقمۇ ھېيت-بايرامنى قانداق ئۆتكۈزۈش، نىمىلەرنى قىلىش، نىمىلەرنى قىلماسلىق، ھەتتا نەچچە كۈن دەم ئېلىش كېرەگلىگى توغرۇلۇق ئېنىق بەلگۈلىمىلىرى بار. ئەمما مۇشۇنداق ئېنىق بەلگىلىمىلەر تۇرسىمۇ بىز بۇنىڭغا رىئايە قىلمايمىز.

    2. جەرىمانە. ئادەتتە كادىرلاردىن خىزمەتكە كېچىكتىڭ، خىزمەتكە قاتناشمىدىڭ، ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىدىڭ، كېسەل بولدۇڭ، رۇخسەت سورۇدۇڭ، ئورۇنلاشتۇرساق قىلمىدىڭ، ئاخۇنۇم بىلەن سوھبەتلەشمىدىڭ، سۆھبەت خاتىرىسىنى ئانداق، ياكى مۇنداق توشقۇزۇپسەن.... دىگەندەك خىلمۇ-خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئېلنىدۇ. بۇ يەردە مەن جىرمانىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. جىرمانىمۇ گاھىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ئەمما جىرىمانە ھەددىدىن كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكتىپ رولىدىن كۆرە، پاسسىپ رولى چوڭ بولىدۇ. بىزنىڭ بۇيەردە دىمەكچى بولغان جىرمانە، دەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن جىرمانە بولۇپ، بۇنداق جىرمانە كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا باشلىقنىڭ يانچۇقىنى توملاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس! چۈنكى بۇ خىل جىرمانىلەرگە ھىچقانداق ئىسپات ياكى ھۆججەت بېرىلمەيدۇ.

    3. پارىخورلۇق. پارىخورلۇق خىزمەت تەرتىپىدە ئەسلىدىنلا يوق بىر ئىش بولسىمۇ لېكىن بۇنى ئېھتىياجى بار كىشىلەرنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجى ۋە شۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئارزۇسى كەلتۈرۇپ چىقارغان بولۇپ، بۇ بىرخىل چىرىك، ئىژتىمائى تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان، بولمىغۇر ھادىسە. 80-،90- يىللاردا پارە بېرىدىغان ئەھۋاللار ئاساسەن يوق ئىدى. بار دىگەندىمۇ پەقەت مېھمان قىلىش بىلەنلا چەكلىنەتتى. بۈگۈنكىدەك ھەممە ساھەنى قاپلاپ كەتمىگەن ئىدى. ھازىر زامان تەرەققى قىلدى، ئوخشاشلا پاراخورلۇقمۇ تەرەققى قىلىپ، پارا بەرمىسەڭ ھىچقانداق ئىشىڭ ھەل بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى.

    ئۇندىن باشقا ئەمەل سودىسى، ئاشنا ئويناش، قىمارۋازلىق، گۇروھۋازلىق....قاتارلىق قانۇندا قاتتىق چەكلەنگەن مەسىلىلەرمۇ دائىملىق خىزمىتىمىز جەريانىدا ئاندا-ساندا كۆرۈلۈپ قالىدۇ.  يۇقارقىدەك قىلمىشلار يالغۇز تەتۈرلۈك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قانۇنغا خىلاپ بولغان، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئابرويۇنى چۈشۈرىدىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىدىغان جىنايەتلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    ئاۋامنىڭ كۆزى بار، بۇرنى بار، قۇلىقى بار. سىز كۆرمىدى، ھىچكىم ئۇقمىدى دەپ ئۆزىڭىزنىڭ سەنىمىگە دەسسەۋەرگەن بىلەن خەلق ئۇنى كۆرىدۇ، نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا، قايسسى سېسىق، قايسسى سېسىق ئەمەس، بۇنى ئاڭقىرالايدۇ. سىز خەقنىڭ پۇلىنى تۇتىۋالسىڭىز، خەق سىزگە ‹نىمىشقا پۇلۇمنى تۇتىسەن، دەپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلسا› سىز ئالەمچە خاپا بولۇپ، بارمىغان تۆشۈكىڭىز قالمىسا، ياكى سىز خەقنىڭ دەم ئېلىشىنى ۋاقتىدا بەرمەي، دائىم مەركەز بىلەن بىردەك بولۇش توغرىسىدا ۋەز ئېيتسىڭىز خەلق ئەلبەتتە مىيىغىدا كۈلىدۇ-دە.

    ھۆرمەتلىك رەھبىرىم، پارتىيە قىلىڭ دىگەننى قىلىڭ، قىلماڭ، دىگەننى قىلماڭ. قانۇن يول قويغاننى قىلىڭ، يول قويمىغاننى قىلماڭ سۆزىڭىز بۈلەك، ھەركىتىڭىز بۈلەك بولۇپ قالمىسۇن! ھەرگىزمۇ ئىشنى سارىخانغا، دەپ قويۇپ يولنى ئايلىخانغا ئالماڭ.   بولمىسا خەلقنىڭ ئابدىرشىت ئابلەتخاننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ‹كۆرگەنلا يەرگە تۈكۈرگۈسى، مىشقىرغىسى كېلىپ قالىدۇ.› كاللىڭىزنى سىلكىۋ ېتىڭ. كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا، كۈن نۇرىغا، كۈن ئالماقنىڭ تەسلىگىدىن، يۇزلىرىگە ۋاقىتسىز قورۇق چۈشكەن بىچارە چىرايلارغا، نەچچىلىگەن توشۇكتىن يېنىپ، ئىشىمنى ھەل قىلىپ قويىتتى، دەپ ئالدىڭىزغا كەلگەن ئەشۇ بىقۇۋۇل ھاجەتمەنلەرگە قاراڭ. ئۇلار سىزگە زور ئىشەنچ بىلەن قاراۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ تەلىۋى ئۇنچىۋالامۇ چوڭ ئەمەس. ئەشۇ بىچارىلەر ئالدىدا ئازراق بولسىمۇ كۈلۈمسىرەپ قويۇڭ. بۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز. قوسىغىڭىزنى بولسىمۇ چىقىرىپ گىدىيىۋالماڭ.


    收藏到:Del.icio.us