• 2011-05-20

    ئەرىزخورلار قانداق ئادەملەر؟ - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]

     

    بىز ئادەتتە بىرەر ناھەقچىلىققا ئۇچراپ ئەرىز قىلغانلارنى ئومۇملاشتۇرۇپلا ‹‹ئەرىزخورلار›› دەپ ئاتايمىز. مەيلى ئادەتتىكى ئىشلار توغرۇلۇق ئادەتتىكى ئورۇنلارغا ئەرىز قىلغان بولمىسۇن، ياكى چوڭراق ئىشلار توغرۇلۇق چوڭراق ئورۇنلارغا ئەرىز قىلغان بولمىسۇن بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپلا ‹‹ئەرىزخور›› دەيمىز. تەڭسىزلىككە ياكى ناھەقچىلىققا ئۈچراپ ئەرىز قىلسىمۇ ‹‹ئەرىزخور›› دەيمىز. ‹‹ئەرىزخور›› دەپ ئاتىغاندىمۇ شۇنداق بىپەرۋالىق بىلەن ئاتايمىزكى، خۇددى بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ھىچبىر ئالاقىمىز يوقتەك، ھىسداشلىق قىلمىسىمۇ بولىدىغان، يىرگىنىشلىك، پەس، جىدەلخور ئادەملەرنى ئاتىغاندەك ئاتايمىز.

    -بۈگۈن بىر ئەرىزخور كەپتىكەن....

    -ئەرىزخورنىڭ ئىشى بىلەن......

    -ئەرىزخورنىڭ ئەرزى.....

    دىيىشىپ، شۇ ئەرىزخورنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت ئەلەملەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرى بىزنىڭمۇ بېشىمىزغا كەلمەيدىغاندەك، بىز ئەزەلدىن بەخىت-سائادەت ئۈچۈنلا يارالغاندەك قىلىشىپ كېتىمىز. ناۋادا بىر ئەرىزخور يېنىمىزغا كېلىپ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىسە، قىزىقىپ ئاڭلايمىزيۇ كۆزلىرىمىزدىن ھىسداشلىق، ئېچىنىش، مېھرىبانلىق، ناھاقچىلىققا بولغان غەزەپ-نەپرەت ئۇچقۇنى ئەمەس، مەسخىرە، مازاق، زاڭلىق ئۈچقۇنلىرى چاقناپ كېتىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە بولسا ئەرىزخورلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ناھاقچىلىققا ئۇچرىغان، تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان، مال مۈلكەتلىرى زىيانغا ئۇچرىغان، جۈملىدىن باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ ھىسداشلىق قىلىشىمىزغا مۇھتاج كىشىلەردۇر. قاراپ باقىدىغان بولساق نۇرغۇن مەسىلىلەر شۇ ئەرىزخورنىڭ ئەرىز قىلىشى بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ، ھەل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ساھەدە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ قايتا سادىر بولىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ پايدىسى يالغۇز ئەرىز قىلغۇچى ئەشۇ ئەرىزخورغىلام ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇۋالچىلىققا، ناھەقچىلىققا ئۇچرىغان ئادەملەرگىمۇ، ئۇچرىماقچى بولغان ئادەملەرگىمۇ بولىدۇ.

    شۇڭا دەيمەنكى ئەرىز قىلغۇچىنىغا ئەيىپلەش نەزىرىدە ئەمەس، ھىسداشلىق قىلىش نەزىرىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ھىچ بولمىغاندا ئۇلارنى ئەيىپلەيدىغان سۆز-ھەركەتلىرىمىزنى يىغىشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەك. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇلارغا قىلغان چوڭ ياردىمىمىز بولۇپ قالىدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنى داۋاملىق ئەيىپلەۋېرىش بولسا تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

    分享到: