• 2011-06-03

    باي بولۇشنىڭ ئىككىنچى قەدەم باسقۇچى - چۈشەنچىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇڭ (1) - [ئىقتىزاتقا دائىر]

     


    چۈشەنچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بۇ بىر ئىتايىن چوڭ تىما بولۇپ، باي بولۇش توغرىسىدىكى پۇتكۈل يازمىلىرىمىز، چۇشەندۈرۈشلىرىمىز مانا مۇشۇ چۈشەنچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرسىمۇ، بۇ يازمامنى مەن چوڭ چۈشەندۈرۈش توغرىسىدىكى كىچىك چۇشەندۈرۈش سۈپىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

    چۈشەنچە ئايدىڭلاشماي تۇرۇپ ھىچقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا ئەپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇ توغرىلۇق كوپچىلىك مەندىنمۇ ئوبدانراق چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ. لېكىن، مەن باي بولۇش توغرىسىدىكى چۇشەنچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىلۇق ئۆزەمنىڭ يۇزەكى كۆز قاراشلىرىمنى بىر نەچچە نۇقتىغا بولۈپ ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

    1. بىز باي بولۇش ئارزۇيىمىزنى تۇرغۇزۇپ بولدۇق. ئەمدى بۇ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرمىساق بولماس. ئۇنداقتا ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز توغرىلۇق دەرھال ھەركەتكە كېلىشىمىز كېرەك. شۇنداق، دەرھال ھەركەتكە كېلىشىمىز كېرەك. توختاڭ. توختاڭ ئالدىراقسانلىق قىلماڭ. باي بولۇش توغرىلىق سىز ئاللىقاچان ھەركەتكە كېلىپ بولدىڭىز. سىزنىڭ باي بولۇش توغرىلۇق كۈچلۈك ئارزۇنى تۇغۇزۇش جەريانىڭىز باي بولۇش توغرۇلۇق دەسلەپكى قەدەمدە ھەركەتكە كېلىش جەريانىڭىز بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەمدى بىز ئۆزىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقايلى.

    خوش ، سىز باي بولماقچى. ئۇنداقتا سىز قانداق باي بولماقچى؟ قانداق دەرىجىدىكى بايلاردىن بولماقچى؟ نىمىش قىلىپ، قانداق ئۇسۇل بىلەن باي بولماقچى؟ باي بولۇشقا سىز ماس كېلەمسىز؟ كەسپىڭىز، قىلىۋاتقان ئىشىڭىز، شەرت-شارائىتىڭىز ماس كېلەمدۇ؟ سىز ھىسسى ئادەممۇ؟ ياكى ئەقلى ئادەممۇ؟....بۇ سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويغىلى تۇرساق  ساناپ بولالماي ساقىلىمىز بىر مېتىرغا يېتىدۇ. ئەمما باي بولماقچى بولىدىكەنمىز بۇ سوئاللار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلانماي بولمايدۇ. بىز مەسىلىلەرنى قانچىكى كونكىرىتنى ئويلىيالىساق، كىچىك ھالقىلار شۇنچىلىك روشەنلىشىدۇ-دە مەسىلىنى ئاسانلام ھەل قىلالايمىز. ھەم ھەل قىلغىنىمىز توغرىلىققا شۇنچىلىك يېقىنلىشىدۇ.

    سىزنىڭ باي بولۇشىڭىزغا كەسپىڭىز، قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ھەرگىز تاقاشمايدۇ. مەيلى قايسى كەسىپتە بولۇڭ، مەيلى قايسى ئىشنى قىلماڭ، سىز ئوخشاشلا باي بولالايسىز. ئوقۇتقۇچى بولسىڭىزمۇ باي بولالايسىز. دىخان بولسىڭىزمۇ، دوختۇر، پىلانلىق تۇغۇت كادىرى بولسىڭىزمۇ، ئىشچى بولسىڭىزمۇ، ھۈنەرۋەن-سودىگەر بولسىڭىزمۇ ياكى ئىشسىز بولسىڭىزمۇ ئوخشاشلا باي بولالايسىز. گەپ ئارزۇ-نىشانىڭىزنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى، چۇشەنچىڭىزنىڭ چوڭقۇر ياكى چوڭقۇر ئەمەسلىگى، تىگىشلىك ھەركەتكە كېلىشىڭىز ياكى كېلەلمەسلىگىڭىز، پۇزۇتسىيىڭىزنىڭ ئاكتىپ ياكى ئاكتىپ ئەمەسلىگى، يىغىنچاقلىغاندا تەدبىرىڭىزنىڭ قانداقلىقىدا.

    سىز ھىسسى ئادەممۇ ياكى ئەقلى ئادەممۇ؟ دىگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ مەسىلىدە قانچىكى ئەستايىدىل بولساق شۇنچە ياخشى. چۇنكى بۇ مەسىلىگە ھىسسىيات ئارىلىشىۋېلىپ، ئاسانلام قايمۇقۇش كېلىپ چىقىدۇ. خۇددى دالى كارنىگ ئەپەندى ئېيىتقاندەك ھەممە ئادەمدە مۇھىم ئادەىملەردىن بولۇش پىسسخىكىسى بولۇپ ھەممە ئادەم ئۆزىنى ياخشى ئادەم دەيدۇ. قاراقچىلارمۇ، قاتىللارمۇ، قويمىچى-ئوغرىلارمۇ، ياكى ھەقىقەتەن ياخشى ئادەملەرمۇ ئۆزىنى ياخشى ئادەم دەيدۇ. يۇقارقى مەسىلىدىمۇ ئوخشاشلا كۆپىنچە ئادەم بىز ئەقلى ئادەملەرمىز، ھىسسىياتنىڭ كەينىگە كىرمەيمىز دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا 80 دىن كۆپرەك ئادەم ھىسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىش قىلىدۇ. بىزنىڭ يۇقۇرىدا ئىزىپ چۈشەندۈرۈشىمىزنىڭ مەقسىدى-سىز باي بولۇش توغرىسىدا ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز چوقۇم ئەقلىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈڭكى، ھەرگىزمۇ ھىسسىياتنىڭ كەينىگە كىرمەڭ.

    بىزنىڭ باي بولۇش ئارزۇيىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان، توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئۆزىمىز. يەنى ئارزۇ-نىشانلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك، كونكىرىتنى بولماسلىقى، پۇزۇتسىيەرىمىزنىڭ ئاكتىپ بولماسلىقى، چۈشەنچىمىزنىڭ ئايدىڭلاشماسلىقى، ھىسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرۈشىمىز، دەرھال ھەركەتكە كەلمەي، ئىشنى ئەتىگە قويۇشىمىز، ئۇندىن باشقا مىجەزىمىزدىكى قورقۇنچاقلىق، ھورۇنلۇق، قىلغىلى بولماسلىق، مۇمكىن بولماسلىق نەزىريەيىمىز، ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىماي، يامان تەرىپىنى ئويلاپ، دائىم ئەنسىرەپلا يۈرۈشىمىز.....ۋە يولۇققان ئۇڭۇشسىزلىقلارغا باھانە ئىزدەپ ئوزىمىزنى بەزلەش خاراكتىرىمىز.... مانا بۇلار بىزنى ئارزۇيىمىزغا يەتكىلى قويمايدۇ.

    بۇيەردە مەن سىزگە دالى كارنىگ ئەپەندىنىڭ «قورقماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ» دىگەن سوزىنى، ھەم ناپالىون خېئۇل ئەپەندىنىڭ« پۇزۇتسىيە ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ، پاسسىپ پۇزۇتسىيەدە بولسىڭىز، مەيلى سىز قانداق ئادەم بولۇڭ، ئۇ سىزنىڭ ياقىڭىزدىن تارتىپ تۆۋەنگە ئەچۈشىدۇ، ئاكتىپ پۇزۇتسىيەدە بولىسىڭىز، ئۇ سىزنى يۈلەپ يۇقىرىغا ئەچىقىدۇ» دىگەن سۆزلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    2. بىز باي بولۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى سوزلەپ، پۇلنى ياخشى كۆرۈڭ دەپ ئاخىرلاشتۇرغان ئىدۇق. ئەلبەتتە، باي بولۇش ئۈچۈن پۇلنى ياخشى كۆرۈش كېرەك. پۇلنى ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ باي بولۇش ئارزۇيىمىزنى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمما پۇلنى ياخشى كۆردۇم دەپ بېخل، پىخسىقلىق قىلىشقا، پۇل ئۈچۈن رەزىل، ناتوغرا يوللاردا مېڭىشقا، قەتئى بولمايدۇ.

    پۇلنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن دائىم پۇلنى ئويلاپ تۇرۇش كېرەك. پۇلنى ئويلىغىنىڭىز باي بولۇشنى ئويلۇغىنىڭىزدۇر. كوپۇنچە كىشىلەر پۇلنى ئويلىغاندا«ئەگەر مېنىڭ بىر مىليۇن پۇلۇم بولسا...»، « ناۋادا مەن پۇل تېپىپ قالسام....» دەپ ئويلايدۇ. پۇلنى بۇنداق ئويلاش خام خىيال دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ باي بولۇش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئانچە چوڭ رول ئوينىيالمايدۇ. مېنىڭ بۇنداق دىيىشىم خام خىيالنى ھەرگىز قىلماڭ دىگەنلىك ئەمەس. خام خىيالنى قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇ ھەرقانداق مۇئەپپەققىيەت ۋە كەشپىياتلارنىڭ ئانىسى. ئەمما نىشان ئارزۇ تۇرغۇزۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن بىزنىڭ پۈتكۈل ئوي-خىياللىرىمىز ئەنە شۇ نىشان ئارزۇلارنى بويلاپ ئېلىپ بېرىلىشى، نىشان-ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. بىز پۇلنى ئويلىغاندا پۇلنى يۇقارقىدەك ئويلىساق، بۇ پۇل تېپىپ باي بولۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئىشلارغا قارىتىلىپ، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كېتىمىز. بىزنىڭ نىشانىمىز پۇل تېپىش، باي بولۇش. ئۇنداقتا بىز پۇلنى قانداق تاپىمىز، قانداق باي بولۇمىز، پۇل تېپىش، باي بولۇش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىمىز دىگەندەك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۆپرەك ئويلىشىمىز لازىم.

    ئېسىڭىزدە بولسۇن تارىختا مەرت ئادەملەر ئۆز مەرتلىگى بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالىغان بىلەن، كوزگە كۆرۇنگىدەك بىرەر ئىختىسادى قۇرۇلۇش ئېلىپ بارالمىغان. چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلمىگەن.

    شۇڭا بىز مەرىت بولىمىز دەپ، پۇلنى بۇزۇپ چاچماسلىقىمىز، پۇلنى بۇزۇپ چاچمايمىز، پۇلنى ياخشى كورىمىز دەپ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىگىمىز، پىخسىق-بېخىل بولماسلىغىمىز، پىخسىق- بېخىل بولمايمىز دەپ ھەددىدىن ئارتۇق مەرت بولماسلىقىمىز، ھەممە ئىشنى ئۆز يۇلى بىلەن قىلىشىمىز لازىم. پىخسىق ياكى بېخىل دىگەن نامنى ئالساق ئەل ئارىسىدىكى ئىناۋىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ-دە باي بولۇش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ھەسسىلەپ قىيىنلىشىدۇ.( ھە راست ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، ئەل ئىچىدىكى ئىناۋەت قۇرۇلۇشى بىزنىڭ باي بولۇش ئارزۇيۇمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ، بۇ توغرىلىق كېيىن ئايرىم توختىلىمەن.) مەرت بولساق مەبلىغىمىز چېچىلىپ كېتىدۇ-دە ھىچ ئىشنى باشقا ئەپ چىقالمايمىز. ئەمما ئۆشرە-زاكات مەرتلىك دائىرىسىگە كىرمەيدۇ ئۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆشرە-زاكاتنى چوقۇم ئايرىش كېرەك. چۈنكى قۇرئانى كەرىمدە ئۆشرە زاكات 32 قېتىم، پۇلنىڭ ئېشىپ بېرىشى 32 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

    مەن «نىجىس پۇل»، «پاسكىنا پۇل» دىگەن كۆزقاراشلارغا ئەسلا قوشۇلمايمەن. پۇل (بۇ يەردىكى پۇل ئۇقۇمى بىلەن باشتىكى پۇل ئۇقۇمى ئوخشىمايدۇ.) قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرغاچقا مىكروپلىنىپ پاسكىنا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بولمىسا پۇل دىگەن سۆيۈملۇك نەرسە.

    3. ئارزۇ بار بولدى. مەقسەد بار بولدى. ئارزۇيىڭىز نىمە؟ باي بولۇش. مەقسەدىڭىز نىمە؟ باي بولۇش. بۇ خۇددى مەقسىدىڭىز نىمە؟

    ئۈرۈمچىگە بېرىش. ئارزۇيىىڭىز نىمە؟ ئۈرۈمچىگە بېرىش دىگەندەكلا بىر ئىش. بىز ئىلگىرى ھەممىمىز ئۈرۈمچىگە بېرىشنى ئويلايتتۇق، ئارزۇ قىلاتتۇق. لېكىن ئۈرۈمچىگە قاچان، نەدىن، نىمىدە بېرىشنى بىلمەيتتۇق. يەنە كېلىپ ئۈرۈمچىگە چوقۇم بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ ياكى...دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەيتتۇق. ھامىنى بىر كۈنى ئۈرۈمچىگە بارسام، دەيتتۇق. لېكىن قاچان بېرىشىمىز كېرەكلىگى ئۈستىدە ئىزدەنمەيتتۇق. ‹‹پۇرسەت كېلىپ قالار›› ياكى ‹‹كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى›› دەيتتۇق. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ھەممىمىز باي بولۇشنى ئويلايتتۇق، ئارزۇ قىلاتتۇق. لېكىن قاچان، قانداق ئۇسۇلدا، نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باي بولۇشنى بىلمەيتتۇق. يەنە كېلىپ چوقۇم باي بولۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ياكى... دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەيتتۇق. ھامىنى بىر كۈنى باي بولسام دەيتتۇق. لېكىن قاچان، قانداق ئۇسۇلدا، نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باي بولۇشىمىز كېرەكلىگى ئۈستىدە ئىزدەنمەيتتۇق. ‹‹پۇرسەت كېلىپ قالار›› ياكى ‹‹كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى›› دەيتتۇق. شۇنداق قىلىپ، كۇنلەر ئۆتەتتى، ئايلار ئۆتەتتى، يىللار ئۆتۈپ ئارزۇيىمىز ئارزۇ پېتى قېلىۋېرەتتى.

    بىرنچى باسقۇچتا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىزدە كۈچلۈك دەرىجىدىكى باي بولۇش ئارزۇسىلا بولىدىكەن، بۇ بىزنىڭ باي بولۇش يولىدىكى مەزمۇت دەسسىگەن تۇنجى قەدىمىمىز بولۇدۇ. كۆپچىلىككە ئايان، قۇرۇلۇش سالماقچى بولساقمۇ ئەلبەتتە قۇرۇلۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولغان ئۇل قىسمىنى پۇختا سېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. باي بولۇشمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا تۇنجى قەدىمىنىڭ پۇختا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

    بىز كۈچلۈك دەرىجىدىكى باي بولۇش ئارزۇسىنى تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئارزۇيىمىز بويىچە پىلان تۈزۈشكە باشلايمىز. چوڭ پىلانىمىز:- پۇل تېپىپ باي بولۇش. ئەندى، مۇشۇ چوڭ پىلاننىڭ نۇرغۇنلىغان تاماق پىلانلىرى بولىدۇ. بۇ قانداق پۇل تېپىش، پۇل تېپىش ئۇچۇن نىمىلەرنى قىلىش، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ پۇل تېپىش دىگەندەك. بۇ تارماق پىلانلارنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان كىچىك تارماق پىلانلىرى بولىدۇ. مەسىلەن پۇل تېپىش ئۈچۈن بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىمىز دىسەك، شۇ كەسىپنى يولغا قويۇشتىكى شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلاش، شۇ كەسىپنى يولغا قويۇپ بىر ئىزغا سېلىش دىگەندەك. بۇ يەردە بىز نۇرغۇن پىلانلارنىڭ گېپىنى چىقارساق، بۇ نىمىنداق مۇرەككەپ؟ پۇل تېپىش، باي بولۇش بەك تەس، بىر باشقا ئەپ چىقىش مۇمكىن ئەمەسمۇ نىمە؟ دەپ قالماڭ. بۇ چۈشەندۈرۈش جەريانىدىكى مۇرەككەپلىك. ئەمما سىز باي بولۇشقا بەل باغلاپ ھەقىقى ھەركەتكە كەلسىڭىزلا قالغان ئىشلارنى ئاستا-ئاستا ھەل قىلىپ كېتەلەيسىز. بۇ يەردە شۇنىمۇ دىيىش زۆرۈركى، ئەگەر تەس دىيىشكە توغرا كەلسە سىزنىڭ يۈرەكلىك بولۇپ باي بولۇش قارارىغا كەلمىگىڭىز ئىنتايىن تەس! ئۇندىن قالسا باي بولىمەن دەپ بىر قارارغا كېلىپ بولۇپ، ھەركەتكە كەلمىگىڭىز، ھەركەتكە كەپ بولۇپ، ھەركىتىڭىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاتۇرمىقىز ئىنتايىن تەس!

    بىز يۇقارقىدەك پىلانلارنى تۈزۈپ بىكىتىپ بولغاندىن كېيىن، شۇ پىلانلارنى ئورۇنداپ بولۇش كونكىرىتنى ۋاقتىنى بىكىتىمىز. مانا بۇ ئورۇندۇلۇش ۋاقتى بېكىتىلگەن پىلانلار مەزمۇن جەھەتتىن بىرقەدەر مۇكەممەللىككە ئىگە، ئورۇندىلىش مەقسىدى، ئورۇنداش ۋاقتى ئېنىق بولغان نىشان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن پىلانلار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. دىمەك بىز ئەنە ئەشۇنداق يوللار ئارقىلىڭ باي بولۇش ئارزۇيىمىزنى نىشان دەرىجىسىگە كۆتىرىۋالدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز، بەلگۈلەنگەن نىشانىمىزنىڭ ئۆز قەرەلىدە تولۇق ئورۇنلۇنۇپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش! ئەگەر بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتا، بەلگۈلەنگەن مەقسەتكە تولۇق يىتەلمىسەك. ياكى نىشانىمىزنى ئورۇنلاش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەركەتكە كەلمىسەك، بىزنىڭ بەلگۈلىگەن نىشانىمىز ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر قۇرۇق خامخىيال بولۇپ قالىدۇ! نىشانىمىز پەقەت ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپىمىز بولسا يەنىلام ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاددى، ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى بولغان، ناننى بىر چىشلەم، بىر چىشلەمدىن يىيىش؛ ئاشنى بىر قوشۇق، بىر قوشۇقتىن ئىچىش؛ يولنى بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن مېڭىش پىرىنسىپىدىن ئىبارەت!

     

    داۋامى بار.

    分享到: