• 2011-05-22

    ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسى ۋەزىن تۈرلىرى - [ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە]

     

    ۋەزىن دىگىنىمىز شېئىردىكى سۆزلەرنى مۇنتىزىم ئاھاڭغا سالىدىغان ئۆلچەم، قېلىپ دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

    ئارۇز ۋەزنىدە ۋەزىندىن مىسرالار ھاسىل بولىدۇ. ۋەزىنلەرنىڭ مەلۇم قانۇنيەتلىك تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن بەھىرلەر ھاسىل بولۇدۇ. ۋەزىن مىسرا ۋە بەھىرلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى بىرلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    ئارۇز ۋەزنىنىڭ 30دىن ئارتۇق ۋەزىن تۈرى بار بولۇپ، بۇلار ئەرەپچە مەخسۇس نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىككى، بەزى شائىرلىرىمىز ئارۇز ۋەزنىنىڭ ۋەزىنلىرىنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەپ ئۇزۇن بوغۇمنى «ناي» ياكى «لاي»بىلەن، قىسقا بوغۇمنى «نى» ياكى «لى» بىلەن ئىپادىلەپ، ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ ھەرخىل تەكرارلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان ۋەزىن سېخىمىسىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگەن.

    مەسىلەن:

    پائىلاتۇن ۋەزنىنى «ناي نى ناي ناي» ياكى «لاي لى لاي لاي» دەپ، مۇستەپئىلۇن ۋەزنىنى «ناي ناي نى ناي» ياكى «لاي لاي لى لاي»، مەپئىيلۇن ۋەزنىنى « نى ناي ناي ناي» ياكى «لى لاي لاي لاي» دەپ ئىپادىلىگەن.

    تىلىمىزدىكى چەت تىلدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ۋەزىنگە چۈشىدۇ. ھەم ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە ۋەزىنداش بولىدۇ. سۆزلەر ئۆز تەركىبىدىكى ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ ئورنىغا قاراپ ۋەزىن تۈرلىرىگە بۆلىنىدۇ. تۆۋەندە ئۇيغۇر شېرىيىتىدە كۆپرەك قوللۇنىلىدىغان ۋەزىن تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز. ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ سېخمىسىنى سىزىقچە ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە بەرسەم توردا قالايمىقان كۆرنىۋالىدىكەن، شۇڭا «ناي نى» ۋە «لاي لى» شەكلى بىلەن بەردىم. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.

    1. پائىلاتۇن (-V--) ۋەزنى

    1-، 3-، 4- بوغۇملىرى ئۇزۇن، 2-بوغۇمى قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر پائىلاتۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. (ناي نى ناي ناي) ياكى (لاي لى لاي لاي)

    مەسىلەن: قاغا- قۇژغۇن، گۈل-گۈلىستان، پەم پاراسەت، ئىتتىپاقلىق، سۇغا سالسام، ئوت يۇرەكلەر، ئىنتىزارلىق، ئاھ ئۇرارمەن، ئوتقا سالسام، دەرد ئەلەملەر، ئاينى ئالسام، يارنى كۆرسەم....

    1. ياز كۈنى كۈن دۈز قىزىق بول غاي ھاۋا ئىس سىقتا تار،

    ھەر كۈنى ئاخ شامنى كۆپ جان خالىغاي بى ئىختىيار

     

    ناي نى ناي ناي ناي نى ناي ناي ناي نى ناي ناي ناي نى ناي

    لاي لى لاي لاي لاي لى لاي لاي لاي لى لاي لاي لاي لى لاي

     

    2. ئاھ ئۇرارمەن ئاھ ئۇرارمەن ئاھلىرىم تۇت قاي سېنى

    كۆز يېشىم دەر يا بولۇپ بې لىق لىرىم يۇت قاي سېنى

     

    ناي نى ناي ناي ناي نى ناي ناي ناي نى ناي ناي ناي نى ناي

    لاي لى لاي لاي لاي لى لاي لاي لاي لى لاي لاي لاي لى لاي

    ئەسكەرتىش: 2- مىسالدىكى 2- مىسرا، 2- تۇراق « يا بولۇپ بې» تا ئوچۇق بوغۇم 3، يېپىق بوغۇم 1 يەردە كەلگەن. ئۇنداقتا ئوچۇق بوغۇمنى قىسقا بوغۇم دىسەك، يېپىق بوغۇمنى ئوزۇن بوغۇم دىسەك پائىلاتۇن ۋەزنىگە چۈشمەيدىكەنغۇ؟ سىز شۇنداق ئويلىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ سىز خاتالىشىپسىز. بۇ پائىلاتۇن ۋەزنىگە چۈشىدۇ. چۈنكى بىرىنچى بوغۇمدىكى «يا» بوغۇمىنى ئەسلى سۆز «دەريا» بېلەن بېرىكتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلساق، «يا» بوغۇمى سوزۇلۇپراق، ئۈنلۈكرەك ئېيتىلىدۇ. دىمەك بۇ بوغۇمغا ئۇرغۇ چۈشىدۇ. ئادەتتە ئارۇز ۋەزنىدە ئۇرغۇ چۈشكەن بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ. شۇڭا بىز «يا» بوغۇمىنى ئۇزۇن بوغۇم دەيمىز. ئاخىرقى بوغۇم «بې» مۇ يۇقۇرىقىغا ئوخشاش. ئادەتتە ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملاردىن باشقا يەنە ئۇرغۇلۇق بوغۇم ۋە ئۇرغۇسىز بوغۇملارغىمۇ ئالاھىدە ئېتبار بېرىلىپ، ئۇرغۇلۇق بوغۇ ئۇزۇن بوغۇم، ئۇرغۇسىز بوغۇم قىسقا بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ.

    2. پائىلۇن ( - V -) ۋەزنى

    1-،3- بوغۇملىرى ئۇزۇن، 2- بوغۇمى قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر پائىلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. (ناي نى ناي) ياكى (لاي لى لاي)

    مەسىلەن: مېھرىبان، ئېھتىرام، مۆھتىرەم،قەھرىمان، كەمبەغەل، كەچقۇرۇن، تاڭسابا، مەرھابا، سىزغۇچۇم، كەپتىرىم، كەمپىرىم....

    ئەي ئانا يەر پاك مۇقەددەس سەندە بىزنىڭ جانىمىز،

    سۆيگۈ مېھرىڭ ۋە سۈتۈڭدىن پۈتتى بىزنىڭ قانىمىز.


    ناي نى ناي ناي ناي نى ناي ناي ناي نى ناي ناي ناي نى ناي

    لاي لى لاي لاي لاي لى لاي لاي لاي لى لاي لاي لاي لى لاي

    بۇ مىسرالارنڭ ئاخىرقى تۇراق پائىلۇن ۋەزنىدە كەلگەن.

    3. مەپائىيلۇن( V ---) ۋەزنى

    1- بوغۇمى قىسقا، 2-3-4- بوغۇملىرى ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كەلگەن سۆزلەر مەپائىيلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. (نى ناي ناي ناي) ياكى (لى لاي لاي لاي)

    مەسىلەن:

    ۋەتەنداشلار، قەلەمكەشلەر، ئۇلۇغ ئىنسان، ئۇغۇل قىزلار، تىيانشاندىن، كۆڭۈلچەكتىن، بۇ كۆلچەكتىن، ئۇلۇغلاردىن....

    سەھەر سۈبھى قۇياشىدەك گۈزەل رۇخسا رىغا باقسام،

    نىمە ئارمان ۋۇجۇدۇمنى ئۇنىڭ پاك باغ رىغا ياقسام.


    نى ناي ناي ناي نى ناي ناي ناي نى ناي ناي ناي نى ناي ناي ناي

     

    4. مۇستەپئىلۇن (-- V -) ۋەزنى

    1-،2-،4-، بوغۇملىرى ئۇزۇن، 3- بوغۇمى  قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر مۇستەپئىلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. (ناي ناي نى ناي) ياكى (لاي لاي لى لاي)

    مەسىلەن: ئىنسانىيەت، ئۇستازىمىز، ھەققانىيەت، ئەستايىدىل، بولغان ئىدىم، كەلگەن ئىدىم، ياتقان يېرىم، بوستانلىرىم، تۇلپارلىرىم، ئۇستازلىرىم، بولغانلىرىم، كەلگەنسىرىم، تۇرغانسىرىم.....

    ئارۇز ۋەزنىدە كۆپرەك قوللۇنىلىدىغان ۋەزىنلەرنى تۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ.

    分享到: