• 2010-12-11

    Kurtlar vadisi فىلىمىدىكى ئۇقۇشماسلىقلار - [ئەدەبىيات]

     


    1.      كىنونىڭ ئىسمى Kurtlar vadisi

    بۇ يەردىكى " Kurt " سۆزى كورت مىللىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولماستىن، بەلكى" قۇرت" (ئۆمۈلۈگۈچى جاندارەت) نى بىلدۈرىدىغان سۆزدۇر. شۇڭا بۇنى "قۇرتلار ۋادىسى"، ياكى "بۆرىلەر ماكانى" دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ يەردىكى" Kurt " (قۇرۇت) سوزى تۈركىيە جەمىيىتىدىكى چىرىك، ياۋۇز ، رەزىل كۇچلەرگە سىمۋول قىلىنغان

    2 . باش قەھرىمان:- Polat   Alemdar

    بۇ ئىسىمنى بەزىلەر" پولات ئالىمدار" دەپ تەرجىمە قىلسا، يەنە بەزىلەر"پولات ئالەمدار" دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇيەردىكى" Alemdar " سۆزى قانداقتۇ "ئالىم"، ياكى "ئالەم" ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولماستىن بەلكى "ئەلەم"(بايراق، تۇغ) ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدۇر. شۇڭا بۇنى "ئەلەمدار" دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك.

    3.      بۇ فىلىمدە مەمەتىبەگ، پولاتبەگ، سۇلايمانبەگ دىگەنگە ئوخشاش ئىسىملار ئۇچرايدۇ. بۇ ئىسىملارنىڭ ئاخىرىدىكى "بەگ" سۆزىنى بەزىلەر "بەي" دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇنداق تەرجىمە قىلسا خاتا بولىدۇ. چۈنكى ئاڭلاشلارغا   قارىغاندا ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال بارلىق تۈرۈك ئەرلىرىنىڭ ئۆز ئىسمىنىڭ كەينىگە"بەگ" سۆزىنى قوشۇپ ئاتاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىكەن.


    收藏到:Del.icio.us