• 2010-09-23

    ئەسسالام دەپ كەلسە گەر، يېڭى يىلنىڭ ئەلچىسى - [ئەدەبىيات]

    كونا ماتىرياللىرىمى رەتلەۋېتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىللىرىمدە ئوقۇغۇچىلارغا ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە دەرىس بېرىۋېتىپ، مەشىق ئورنىدا ئارۇز ۋەزنىدە يازغان ئىككى پارچە شېئىرىم چىقىپ قالدى. ئاددى بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم.

     

     

    ئەسسالام دەپ كەلسە گەر، يېڭى يىلنىڭ ئەلچىسى.

    ھەريىلى كەلگەنتىغۇ، مەيلى ئۆزىنىڭ ئۆز ئىشى

    ۋە، لېكىن بايرام بىلىپ خالايىقنىڭ بارچىسى

    ئوينىشار بەزمە قۇرۇپ، تانسا- دۇناي ۋالىسى.

    قۇتلىشار شاتقا تولۇپ، بىر-بىرىنى ھەممىسى

     

    كونا بىرلەن يېڭىسى بىر-بىرىنى قۆغلىشار

    بەزىلەر كونا يىلنى كونا بىلىپ ئۇنتۇشار

    يېڭى يىلغا ئۇلىشىپلا، كونا يىلدىن داتلىشار

    كونىدىكى كەچمىشىنى شۇنچە تىزلام ئۇنتىشار

    ۋە لېكىن ئۇندا باردۇر ئەجرىمىزنىڭ تامغۇسى

     

    بىلسىڭىز، يېڭى يىلدا يېڭى ياشقا كىرىسىز

    يېڭى يىل كەلگەنسىرى يېڭى بىرلەن قېرىسىز

    ئۆمرىڭىز بولسا ئەگەر، كونا بىرلەن يېڭى سىز

    يېڭى يىلدا غەلبە بىرلەن كونا يىلنى يېڭىسىز

    بولسىڭىز گەر يىلمۇ-يىل، ئالغان ساۋاقنىڭ ئىگىسى.

     

    شۇڭا دەيمەن يېڭى يىلدا كونا يىلدىن داتلىماڭ

    يېڭى يىلنى يېڭى دەپلا كونا يىلنى تاشلىماڭ

    كونا يىلدا كەتكەن ئۆمۈرگە بېشىڭىزنى قاشلىماڭ

    يىل بېشىدا، ئىش بېشىدا كۆزىڭىزنى ياشلىماڭ

    كۆز يېشى بولمايدۇ ئۇ، ئۆتكەن ئۆمۈرنىڭ سوغىسى.

     

    يېڭى يىل كەلدى مانا بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ

    كەلدى ئۇ جەڭدە ئۇتقان باتۇر كەبى كۆكرەك كېرىپ

    يېڭى يىلدا يېڭى غەلبە قازىنىمىز دەپ بىلىپ

    چامدىغايمىز غەلبە بىرلە كىت كەبى دولقۇن يېرىپ

    يېڭى يىلنى دەپ بىلىڭ، كەلگەن ئۇتۇقنىڭ ئەلچىسى.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us