• 2010-09-03

    يېڭى يېزىقتا"ئە" تاۋۇشىنى ئىپادىلەش توغرىسىدا - [ئەدەبىيات]

    مەيلى توردا ماقالا يازغاندا بولمىسۇن، مەيلى QQ دا پاراڭلاشقاندا بولمۇسۇن، بەزى تورداشلارنىڭ يېڭى يېزىق ئىشلەتكەندە "ئە" تاۋۇشىنى " A " ھەرپى بىلەن ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆپ ئۇچراتتىم.

    بۇ تورداشلار يېڭى يېزىقتا "ئە" تاۋۇشىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىپ بولمىغاچقا بەلكىم " A " ھەرپى بىلەن ئىپادىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداقتىمۇ بولىدۇ. ئەمما "ئە" تاۋۇشىنى " E " ھەرپى بىلەن ئىپادىلىسەك، مېنىڭچە " A " بىلەن ئىپادىلىگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىقراق مەنا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن:

     


     

     

    سۆز Aبىلەن ئىپادىلنىشى Eبىلەن ئىپادىلنىشى
    1  ئەلەم Alam Elem
    2 ئالەم Alam Alem
    3 سائەت Saat Saet
    4 پەلەمپەي Palampay Pelempey
    5 مەريەم Maryam Meryem
    6 مۇئەللىم Muallim Muellim
    7 كىلەچەك Kilaqak Kileqek
    8 چەتئەل Qat'al Qet'el
    9 يەمەن Yaman Yemen
    10 يامان Yaman Yaman

    收藏到:Del.icio.us