• 2010-08-15

    پۇلىڭىز بولسا جاڭگالدا شورپا - [ئىقتىزاتقا دائىر]

    تارىختىن بېرى مەيلى توربەت يۈزىدە بولمىسۇن، مەيلى گېزىت - ژورنال ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا بولمىسۇن ئختزاتقا دائىر بولۇپمۇ پۇلغا دائىر تالاش تارتىشلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق.  ئومۇمەن ھەركىم ھەرنىمىلەرنى دەپ باقتى. بەزىلەر پۇل بولسا ھەممىنى قىلغىلى بولىدۇ، ئائىلىنى يۇكسەلدۈرۈپ جەمىيەتكە تىگىشلىك ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ، دەپ قاراپ پۇل تېپىشنى مۇئەپپەققىيەت قازىنىشنىڭ، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ نامراتلىق ھەممە رەزىللىكنىڭ مەنبەسى دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بەزىلەر "پۇل بولسا جەمىيەتتىكى ھەممە رەزىللىكلەرنىڭ مەنبەسى، كىشىلەر پۇلنى دەپ بىر-بىرىنى قاقتى - سوقتى قىلىدۇ، پۇلنى دەپ  ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسىنى بۇزىدۇ، يەنە پۇلۇم بار دەپ ئىسراپچىلىق، بۇزۇقچىلىق پاتقىقىغاپېتىشىدۇ. جاھاندا پۇل ھەممىدىن مۇھىم ئەمەس، پۇلدىنمۇ مۇھىمى ساپ  ئىنسانى ئەخلاقتۇر"، دىگەن بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇئىككى خىل كۆزقاراشنىڭ گاھىدا ئالدىنقىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىسە، گاھىدا، كېيىنكىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ زادى قايسىسىنىڭ توغرا، قايسىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بۇمەسىلە ھەل بولماي كېلىۋاتىدۇ. ئەندى مەنمۇ ئالدىقى پىكىرنىڭ قۇۋۋەتلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىرقانچە تۈرلۈك پىكىرلىرىمنى ئتتۇرىغا قويۇپ باقسام، پايدىلىق تەرەپلىرى بولسا كوپچىلىك ئىجابى پايدىلانسا دىگەن ئۈمۇتتە بۇ يازمامنى كوپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.

    1.‹‹ جاھاندا پۇل ھەممىدىن مۇھىم ئەمەس، پۇلدىنمۇ مۇھىمى ساپ  ئىنسانى ئەخلاقتۇر›› بۇ ھەقىقەتەنمۇ توقرا ئېيتىلغان بىر جۈملە ئەقلىيە سۆز. ئەمما بۇ بىر جۈملە سۆزدىن "پۇل مۇھىم ئەمەس،شۇڭا پۇل تاپمىسىمۇ بولىدۇ" دىگەن مەنا كېلىپ چىقمايدۇ. قېنى بۇ ئەقلىيە سوزنى دەستەك قىلىۋالغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن‹‹ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا ئەخلاقلام بولۇپ، پۇل بولمىسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟›› دەپ سوراپ باقساق، ئۇ كىشىنىڭ بىزگە نىمە دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلىغى  كوپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان. ئەلبەتتە تۇرمۇشىمىزدا ساپ ئىنسانى ئەخلاق ھەممىدىن مۇھىم.  ئەمما پۇل بولمىسىمۇ بولمايدۇ. بىزنىڭ يىيىش، كىيىنىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللى ماددى ئېھتىياجىمىز، پۇلنىڭ زۆرۇرلىگىنى بەلگۈلىگەن. ئاز يىگەننىڭ كوپ يىگۈسى كېلىدىغانلىغى، تېخمۇ تاتلىق يىگۈسى كېلىدىغانلىغى، ھەم ئاز كەيگەننىڭ كۆپ كەيگۈسى، تېخىمۇ چىرايلىق كەيگۈسى كېلىدىغانلىغىدىن ئىبارەت پىسخىك ئېھتىياج پۇلنىڭ ئاز- كۆپلىگىدىن ئىبارەت مىقتارىنى بەلگۈلىگەن.شۇڭا بىزنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىمىزنى ھەرگىزمۇ پۇلدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. شۇنداقكەن بۇ ئەقلىيە سۆزنى بىر - بىرىگە زىت قەيماستىن بەلكى "ساپ ئىنسانى ئەخلاققا رىئايە قىلغان ئاساستا پۇل تېپىش" دەپ چۈشۈنۈشىمىز كېرەك.

    2.جەمىيەتتە پۇل ئۈچۈن بىر-بىرىنى ساتىدىغان، پۇلنى دەپ ھەرقانداق ئەسكىلىك،  پەسكەشلىكلەرنى قىلىشتىن يانمايدىغان ئادەملەرمۇ يوق ئەمەس،ئەلبەتتە. پۇل جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالىدۇ دىگەندەك گاھىدا ئادەمنى خىلمۇ-خىل كۇيلارغا سالىدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن پۇلنى يامان كۆرۇپ، ‹‹نىجىس پۇل›› دەپ ناخشا توۋلىساق بولمايدۇ. (بۇ ناخشىنى توۋلىغۇچىمۇ ناخشىنى توۋلاپ تۇرۇپ ناخشا كېچىلىگىگە بىلەت سېتىپ پۇل تاپىدىغۇ.)

     پۇل ھىچقانداق ۋاقىتتا، ھىچقانداق كىشىگە زىيان يەتكۈزگەن ئەمەس، پەقەت بەزى ۋاقىتلاردا پۇلنىڭ سېھرى كۈچى بەزى ئاچكۆز، ئىرادىسىز، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ. پۇل دىگەن يانچۇققا سېلىپ قويسا ئەشەدە تۇرىدىغان نەرسە، بىراق ئۇنىڭ خاسىيەتلىك سېھرى كۇچىلام كىشىلەرنى خىلمۇ-خىل ھاۋايى ھەۋەسلەرگە سالىدۇ. ھەقىقى ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە پۇلنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، بەلكى پۇلنىڭ خاسىيەتلىك سېھرى كۈچىدىن مەس بولۇپ ئۆزىنىڭ ھۇش كاللىسىنى يوقاتقان، پۇل كويىدا ھەررەڭ-سەررەڭ ئۇسۇللارنى ئوينىغان ئەشۇ يارىماسلاردىن ئاغرىنسا ئاندىن توغرا بولىدۇ.

    3. كىچىگىمدە بوۋام دائىم، "پۇل دىگەن خاسىيەتلىك نەرسە. بۇ دۇنيادا خاسىيەتلىك نەرسە بار دىيىلسە ئەنە شۇ پۇلنى دىسە بولىدۇ." دەيدىغان. ئۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بولغاچقىمىكىن رەھمەتلىك بوۋامنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەيدىغانلىغىنى چۈشەنمەيتتىم، ئەمدىلىكتە ئويلاپ باقسام بۇ گەپنىڭ خېلى جېنى بارلىغىنى ھىس قىلدىم-دە يەنە خاتىرەمنى ئاقتۇرۇپ :

    پۇلىڭىز بولسا - ھوقۇقىڭىز بولىدۇ.

    پۇلىڭىز بولسا - يۈرىگىڭىز  بولىدۇ

    پۇلىڭىز بولسا- جەمىيەتتە ئورنىڭىز بولىدۇ.

    پۇلىڭىز بولسا- ئابرويىڭىز بولىدۇ.

    پۇلىڭىز بولسا- ئەقلىڭىز بولىدۇ.

    پۇلىڭىز بولسا- قولىڭىزنى نەگە سۇنسىڭىز يېتىدۇ.

    پۇلىڭىز بولسا- دۈشمىنىڭىزمۇ باش ئېگىيدۇ.

    پۇلىڭىز بولسا - ھەممە نەرسىڭىز تولۇق  بولىدۇ.

    پۇلىڭىز بولسا -ھاياتى كۈچىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ

    پۇلىڭىز بولسا- جاڭگالدا شورپا بولىدۇ.

    .............

    دىگەنلىرىنى ئېسىمگە ئالدىم.

    ئەمدى چۈشەندىمكى پۇل ھەقىقەتەن بوۋام ئېيتقاندەك ئسمى جىسمىغا لايىق خاسىيەتلىك نەرسە ئىكەن. ئويلاپ قالدىم، پۇل ئادەملەرگە مۇشۇنداق سېھرى كۈچ ئاتا قىلالىغان يەردە مىللەتكە، ھەم دۆلەتكىمۇ مۇشۇنداق سېھرى كۈچ ئاتا قىلالارمۇ؟

     

    4. نىجىس پۇل، پاسكىنا پۇل، بىزنىڭ قانچىلىك پۇلىمىز بولغانغا مۇنداق چوڭ گەپلەرنى قىلىمىز؟ خەقتە مىليۇنېر، مىليادىر دىگەنلەر ساماندەك، بىزدىچۇ؟ بىزدە بارماقتا سانىيالىغۇدەك بىرەر -يېرىم تال مىليادىر، ياكى مىليۇنېر بارمۇ؟ قېنى قايسى بىر ئۇيغۇرۇمىزنىڭ كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق ياكى يىللىق ئىختىسادى كىرىم پىلانىمىز بار؟ قايسى بىر ئۇيغۇردا تىرىشىپ ئىشلەپ مىليۇنېر، ھەتتا مىليادىر بولۇپ خەلقىمىزگە، مىللىتىمىزگە تىللاردا داستان بولالىغۇدەك ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىش غەيرەت- شىجائىتى بار؟ بىزدە غەيرەت-شىجائەت تۇرماق ھەتتا كىرىم، چىقىم ھىساۋات دەپتىرىمىزمۇ يوق. پەقەت خام - خىيال بىلەن چۈشلا بار، خالاس. پەقەت جېنىمىز ئاغرىمىسا، تاپقىنىمىز جېنىمىزنى بېقىشقا يەتسە "خۇداغا شۇكرى" دەيمىز. نىجىس پۇل، پاسكىنا پۇل، دىگەن گەپنى ئاغزىمىزغا چىڭ ئالىمىز. ئەمما مۇشۇكنىڭ پۇلى يوق، بەزگە ئامراق دىگەندەك پۇلنى كۆرسەك شۆلگەيلىرىمىز ئېقىپ كېتىدۇ.

    5. بىز ئەسلى سودىغا ماھىر خەلىق ئىدۇق.

    بىز ئەسلى قول ھۇنەرۋەنچىلىككە ماھىر خەلىق ئىدۇق.

    بىز ئەسلى باغۋەنچىلىككە ماھىر خەلىق ئىدۇق.

    بىز ئەسلى دىخانچىلىققا ماھىر خەلىق ئىدۇق.

    بىز ئەسلى چارۋىچىلىققا ماھىر تېگىدىن كۆچمەن چارۋىچى  خەلىق ئىدۇق.

    بىز ئەسلى تاماق، ئوزۇقلىنىش ئىلمىگە  ماھىر خەلىق ئىدۇق.

    بىز ئەسلى بىناكارلىققا ماھىر خەلىق ئىدۇق.

    بىز ئەسلى خەتتاتلىق، نەققاشچىلىققا ماھىر خەلىق ئىدۇق.

    بىز ئەسلى ناخشا- مۇزىكىغا ماھىر خەلىق ئىدۇق.

    بىز ئەسلى جەڭگە، ئات ئۈستىدە قىلچ ئوينىتىشقا ماھىر، قورقماس باتۇر خەلىق ئىدۇق. تۈرك  دىسە پۇتكۇل ئەرەپ - ياۋرۇپا ئەلىرى تىترەيتتى.

         ھازىر بىزدە يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ زادى قايسىسى قالدى؟ پەقەت ناخشا- ناخشا ئېيتىشلا قالدى. قالغان جەھەتلەردكى ئالاھىدىلىكلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى باشقا مىللەتلەر ئىگەللەپ بولدى.

    6. ئاللا  تائالا بىزگە ھەرگىزمۇ "ئۇ ياققا ماڭ، بۇياققا ماڭ"، "ئۇنى قىل، بۇنى قىلما" دىمەيدۇ، ياكى "ئالە قۇلۇم" دەپ پاتمانلاپ يۈدگۇزۇپ قويمايدۇ. پەقەت بىزنىڭ بايقىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بەزى تىپىك مىسال بولالىغۇدەك كىشىلەرنى،ئىش-ئىزلارنى، ۋە تۈرلۈك پۇرسەتلەرنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ. ئەشۇلارنى بايقىسۇن دەپ ئەقىل -پاراسەت بېرىدۇ. ئويلىغان، كۆڭلىگە پۇككەن، نىيەت قىلغان غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇن دەپ غەيرەت - شىجاەت، قەتئى تىز پۈكمەس روھ ئاتا قىلىدۇ.

    ئاددىراق بىر مىسال ئالايلى، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەتراپىمىزدا خىلمۇ- خىل مۇئەپپەققىيەت ئىگىلىرى، كەسىپ ئىگىلىرى، تولۇپ يېتىپتۇ.قېنى قايسىمىز ئۇنىڭ ئىلغار تېخىنىكا، ئىلغار تەجىربىلىرىنى ئۈگۈنۈش، ھەتتا گېزى كەلسەئوغۇرلاش مەقسىدىدە ( ھازىر دۇنيادىكى جاسۇسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئىختىزادى جاسۇس) ئۇنى زىيارەت قىلىپ بارالىدۇق؟ پۇل تاپقاننى ھارامدىن تاپقان، يۇز تاپقاننى پالانىچى يېقىنى بولمىسا شۇنداق بولالامتى دەپ بىر - بىرىدىن يوغان توقاملارنى تۇقۇشتىن باشقىنى بىلمىدۇق. ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش، بايلىق توپلاش توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى، ئىلغار تەجىربىلىرىنى خاتىرىمىزگە يېزىپ ئۆزىمىزنىڭ نىشانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمىدۇق.

    قويمىچى مائارىپىمىز تېخىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئەمىلىيەتتىن ئايرىلغان، كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە دەرىس ئۆتىۋاتىدۇ. ئۇلاردا تەربىيەلىنىپ "ئەلاچى" ئاتالغانلار جەمىيەتكە چىقسىلا جان باقالمايۋاتىدۇ. ناۋاي، ئاشپەزلىرىمىز تېخىچە ئەشۇ تەيپىنەم زامانىدىكى نان يېقىش، تاماق ئېتىش ئۇسۇلى بويىچە نان يېقىپ، تاماق ئېتىۋاتىدۇ. ياغاچچى- خارەتلىرىمىز، دېخان - چارۋىچىلىرىمىز، قۇرۇلۇشچى - ھۈنەرۋەنلىرىمىز يەنىلام ئۇستىسى ئۈگەتكەن، ئاللىقاچان زاماننىڭ كەينىدە قالغان كونا ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئۇلاردا ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، خېرىدارلارنى كۆپرەك جەلىپ قىلىپ، تورەققى قىلغان، كۆلەملەشكەن ئىگىلىك ئارقىلىق، مىليۇنىر، مىليادېرلاردىن بۇلۇش نىشانى يوق. ئۇلار پەقەت قوسىقىنى بېقىش ئۈچۈنلام  تىجارەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ نەقەدەر بىچارىلەرچە تۇرمۇش كەچۈرۈش-ھە؟

    مەن ئويناپ يۇرۇپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ بۇلارنى ھىس قىلغىنىمدا ئاللىقاچان ياشايدىغان ئۆمرۈمنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆتۈپ كېتىپ يېشىم 45 كە بېرىپ قاپتۇ. قالغان ئۆمرۈمدە يەنە قانچىلىك ئىشلەرمەن؟ قانچىلىك پۇل تاپارمەن؟ بولدىلا ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا بەرگىنىمۇ ئۆز تۇرمۇشۇمغا يېتىدۇ. شۇنى خەجلەپ جاھاندىن ئارام خۇدا ئۆتۈپ كوتسەم بولمامدۇ؟ نىمە قىلىمەن يەنە ئىشلەپ، بالىلارنىڭمۇ خۇدايىم بەرگەن رىسقى بارغۇ.

    ............

    ............   

    ................................................. ياق! ياق!

    تۇرمۇشۇمنى مۇنداق تەييارتاپلارچە ئۆتكۈزسەم ھەرگىز بولمايدۇ! ئىشلىشىم كېرەك!

    تاكى ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچىلىك ئىشلىشىم، توغرا يول بىلەن پۇل تېپىپ كاتتا بايلاردىن بولۇشۇم، ساپ ئىنسانى ئەخلاق، پاك ۋىژدانىم بىلەن ياشاپ كاتتا مۆجىزىلەرنى يارىتىشىم كېرەك! پۇلنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قىلىپ تۇرۇپ خەلقىمگە، مىللىتىمگە چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىم كېرەك!

     غەيرەت! غەيرەت قىلايلى! پەقەت غەيرەت قىلالىساقلا مىللىتىمىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، خەلقىمىزنى تېخىمۇ باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلالايمىز!

     


    收藏到:Del.icio.us