• 2010-08-16

    ليۇدۋىگ.ۋان.بېتخوۋېن - [تەرمەچلەر]

    ليۇدۋىگ.ۋان.بېتخوۋېن

    <<مۇزىكا ئۇستازى>> ليۇدۋىگ.ۋان.بېتخوۋېن 1770-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى گېرمانىيەنىڭ رېيىن دەرياسى بويىدىكى بوئېن شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بوۋىسى تۆۋەن ئاۋازلىق ناخشىچى، دىرىژور ۋە ئوپىرا كومپىزىتورى ئىدى. ئاتىسى جوھان.ۋان.بېتخوۋېن خان سارىيىنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچىسى بولغان. ئانىسى مادېرىنا رىمدا ئاشپەزلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى .

    بېتخوۋېن 14 يېشىغىچە بوئېندا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقىغان. 4 يېشىدىن باشلاپ ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىگىدە مۇزىكا ئۈگۈنىشكە باشلىغان. ئاتىسىنىڭ باشقۇرۇشى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ 8 يېشىدا ئىسكىرىپكىنى ناھايىتى ياخشى چالىدىغان بولغان. 11 يېشىدا باخنىڭ <<تەكشى ئاھاڭلىق رويال مۇزىكىلىرى توپلىمى>> نى پىششىق چالالايدىغان بولغان، ھەمدە ئەينى دەۋىردىكى مۇزىكانتلار تەرىپىدىن <<ئىككىنچى مۇزارت>> دەپ تەرىپلەنگەن.

    1781-ۋە 1782-يىللىرى ئۇنىڭ ئۈچ پارچە رويال سوناتاسى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى نەشىر قىلىنغان ئەسىرى ئىدى. 1782-يىلى 12ياشلىق بېتخوۋېن خان سارىيىنىڭ ئورگانچىسى نېيىفا (1748- 1798 內弗 ) نىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق ئورگان ئۇستىسى بولغان. 1783-يىلى ئوردا تىياتىرخانىسىنىڭ مۇزىكا ئوركىستىرىدا خارپىسخورد چالغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1788-يىلدىن باشلاپ بۇ ئوركىستىردا ئوتتۇرا ئىسكىروپكىچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1787-يىلى ۋىنانى زىيارەت قىلىپ ئويۇن قويغاندا، مۇزارت 17 ياشلىق بېتخوۋېن چالغان مۇزىكىنى ئاڭلاپ <<كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ، دۇنياغا داڭلىق ئادەم بولىدۇ>> دىگەن ئىكەن.

    شۇ يىلى 7-ئايدا بېتخوۋېننىڭ ئانىسى ئۆپكە كېسىلى بىلەن قازا قىلغان، ئاتىسى ھاراقكەش بولۇپ كەتكەن. بېتخوۋېن ئائىلە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. دەل مۇشۇ مەزگىلدە ياش گىراف ۋالد.ستېيىن(1762- 1823    瓦尔德·施坦因 ) بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. بۇ كىشى ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆمۈرۋايەت كاپالەتچىسى بولغان. شۇندىن كېيىن، 1792-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋېينا شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

    1802-يىلى ئۇ قۇلىقىنى داۋالاشتىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىمۇ ئويلىغان. ھەمدە<<خايرىگىنىستات ۋەسىيىتى>> ( 海利根施塔特遗嘱 ) نى يېزىپ قالدۇرغان. بىراق سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە ھەۋەس ئۇنىڭ روھىدىكى چۈشكۈنلۈك ۋە كىرزىسنى يېڭىشكە تۈرۈتكە بولغان، نەتىجىدە يەنىلا جۇشقۇن شادىمان كەيپىياتتىكى <<ئىككىنچى سىمفونىيىسى>> نى يېزىپ چىققان. بېتخوۋېن ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپلا  ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن ئىبارەت دېمۇكراتىك ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.

    1809-يىلى 7-ئايدا كىنەز  لىسنوۋىسكى بېتخوۋېننى ئۆيىدىكى فىرانسوز ھەربى ئەمەلدارغا مۇزىكا چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندا، بېتخوۋېن دەرھال رەت قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە: <<كىنەزنىڭ كىنەز بولالىشى ئۇنىڭ جەمەتىدىن قالغان تاسادىپى پايدىلىق شارائىتنىڭ سەۋەبىدىن، بېتخوۋېننىڭ بېتخوۋېن بولالىشى پەقەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، كىنەز دىگەن ھازىر ھەممە يەردە بار، كەلگۈسىدىمۇ كۆپ. بىراق، بېتخوۋېن مەن بىرلا، كەلگۈسىدىمۇ مەن پەقەت بىرلا>> دەپ يازغان ئىكەن.

    بېتخوۋېن ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قۇلىقى گاس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان. بىراق ئۇ كېسىلىنىڭ سەۋەبىدىن تەدرىجى ھالدا بارلىق ئىجتىمائى پائالىيەتلەردىن باش تارتقان. نەتىجىدە، باشقىلار ئۇنى <<تەركىدۇنيا بولۇپ كەتتى>> دەپ ئويلاپ قېلىشقان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تۇرمۇشتا قىينىلىپ غۇربەتچىلىك، يالغۇزچىلىقتا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گەرچە ياشلىقىدا بىرنەچچە قېتىم لىرىكىلىق مۇھەببەت تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ بىراق ئاخىرىدا ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەن ھەمدە 1816-يىلى كۈندىلىك خاتىرىسىگە <<مېنىڭ بىرمۇ دوستۇم يوق، بۇ دۇنيادا تەنھا ياشىۋاتىمەن>> دەپ يازغان ئىكەن.

    1826-يىلى12-ئايدا ئۇ ئېغىر زۇكام بولۇپ ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. بىرقانچە قېتىم ئوپىراتسىيە قىلسىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەن. 1827-يىلى 3-ئاينىڭ 26- كۈنى كەچ سائەت 5تىن 45مىنۇت ئۆتكەندە بۇ ئۇلۇغ كومپۇزىتور ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋېينا شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. 29- كۈنى 20مىڭ كىشىلىك كاتتا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ دەپنە قىلىنغان

     

    تۇرسۇنجان لىتىپنىڭ <<چەتئەل مۇزىكانتلىرى>>  دىگەن كىتاۋىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us