• 2010-08-15

    قىزىلمۇچنىڭ ئۇرۇقىچىلىك ئىشەنچ بولسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ! - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]

    ناھايىتى شەپقەتلىك، مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،

    ( ھەممىگە قادىر، ئۇلۇغ ئىگەم ئاللا- تائاللا بىزگە يۇكسەك ئىشەنچ، ئۈمۈت ۋە غەيرەت ئاتا قىلغاي.)

    مەقسەت نىيىتىمىز، سۆزىمىز، ھەركىتمىز،يۈرۈش-تۇرۇش ۋە  باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىمىز ھەر ۋاقىت ئالىجاناپلارغا خاس بولسۇن!

    مەيلى دوستىمىز، مەيلى دۈشمىنىمىز، بولمىسۇن ھەرقانداق ئادەمگە چىرايلىق سالام بېرىپ ئىللىق مۇئامىلە قىلىمىز، دۈشمىنىمىزدىن ئۆچ ئېلىشنى ئىستىمەيمىز! بۇنىڭغا ھەممىگە قادىر، ئۇلۇغ ئىگەم ئاللا-تائاللا بار! ھەرۋاقىت باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش بىزنىڭ ئالى نىشانىمىز بولسۇن!

    غەزەپ- نەپرەت، غەم- قايغۇدىن،"قىلغىلى بولمايدۇ" "مۈمكىن ئەمەس" "ئامال يوق" دىگەن سۈزلەردىن نېرى تۇرىمىز، دۇنياغا، كىشىلىك تۇرمۇشقا ھەر ۋاقىت كۈلۈپ قارايمىز، كۈلكە بىزنىڭ ھەمراھىمىز بولسۇن!

    بىز بۇرۇن مەيلى قانداق ئادەم بولمايلى، مەيلى قانداق ئىشلارنى قىلمايلى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كېتىمىز. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆنۇگۇنگە تەۋە. تۆنۈگۈنكى ئىشلاردىن لەززەتلىنىشنىڭ ياكى تۈنۈگۈنكى ئىشلارغا ھەسرەتلىنىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق! بىز پەقەت بۈگۈننى، بۈگۈنكى ئىشلارنى ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرساق، شۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز قەرەلىدە بجىرىپ بولالساقلا غەلىبىگە قاراپ ماڭغان بولىمىز . ئەتىكى نەتىجە ئۈچۈن بۈگۈننى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بىزنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمىز بولسۇن!

    نامراتلىق جىنايەت! ئۇ ھەممە رەزىللىكنىڭ مەنبەسى. بىز تىرىشىپ ئىشلەپ،بايلىق توپلاپ نامراتلىق قالپىغىنى چۆرۈپ تاشلايمىز، بىز كاتتا بايلاردىن بولۇشقا، كاتتا مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا تىىرىشىمىز،نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلىش بىزنىڭ ئەڭ ئالى غايىمىز بولسۇن!

    بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىمىز. بىز ھەممىنى قىلالايمىز! چۈنكى بىزنى ئاللا ياراتقان. ئاللا-تائاللا ھەرگىزمۇ كېرەكسىز نەرسىلەرنى ياراتمايدۇ! ئاللا-تائاللا بىزنى چوڭ ئۈمۇتلەر بىلەن ياراتقان، بىزمۇ ئاللا-تائاللانىڭ ئەشۇ ئۈمۈدىنى ئاقلاش ئۈچۈن يارالغان! شۇڭا ئۆزىمىزگە ئىشىنىش بىزنىڭ كۈچلۈك روھى ئوزۇغىمىز بولسۇن!

    مەيلى قەيەردە بولمايلى، مەيلى قايسى كەسىپنى ئىشلىمەيلى ھەرۋاقىت، ھەر سېكونت يۇقارقى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىمىز! يۇقارقى نىشانلارنى بىر قەدەم، بىرقەدەمدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇمىز!  چۈنكى:

    قىزىلمۇچنىڭ ئۇرۇقىچىلىك ئىشەنچ بولسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    (يۇقارقى نىشان ۋە پىرىنسىپلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەممىگە قادىر ئاللا ئىگەم مەدەت قىلغاي.)

    分享到:

    评论

  • [dAva:0]ئاكىمىز پەچچەت گەپلەرنى يازىدۇ.