• 2011-02-08

    زىيارەتچىلەر دىققىتىگە: - [بلوگ ھەققىدە]

     

    مەن بىلوگىمنى ئېلان قىلغان  6 ئايدىن بۇيان سان، سۇپەت جەھەتتە كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزەم ئويلىغان، لېكىن باشقىلارغا دىيەلمىگەن ئوي-پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش جەھەتتە قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىمەن.

    ئاللا ئىشلىرىمنى ئاسان قىلسا، مەن بلوگىمدا مىجەز-خاراكتىرىمىز يەنى تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەرنى، ئىقتزاتقا دائىر بەزى مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىژتىمائى تۇرمۇش توغرىسىدىكى تۇرلۈك ھىس-تۇيغۇلۇرۇم ۋە چۈشەنچىلىرىمنى يېزىپ چىقىشنى ئويلاۋاتىمەن. ئۆزەمگە ئايان، مېنىڭ ھازىرغىچىلىك بولغان ئارلىقتا يازغان يازمىلىرىمدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە تۈرلۈك مەسىلىلەر ساقلاندى.

    1. ئوي-پىكىر بەك يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    2. بەزى مەسىلىلەر ھەددىدىن ئارتۇق مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىلدى.

    3. خىزمەتتىكى تەتۈرلۈكلەرنى يازغاندا ئوقۇرمەنلەردە «قارىبەگ بىلوگىنىڭ مۇئەللىپى باشلىقلارغا، ئەمەلدارلارغا ئۆچ ئىكەن» دىگەندەك خاتا كۆز قاراشلار كەپ چىقتى.

    4. يېزىقچىلىق سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولغانلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بەزى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزمەيدىغان، ئەتراپلىق تەھلىل ئەپ بارمايدىغان مەزمۇن تومتاقلىقى كۆرۈلۈپ قالدى.

    5. ئومۇملۇق بولمىغان ئايرىم مەسىلىلەرنىمۇ ئومۇملۇق دەرىجىسىگە كۆتىرىۋالىدىغان خاتالىقلاردىن خالى بولالمىدىم.

    بلوگىمنى زىيارەت قىلغۇچىلار بەلكىم بۇ بلوگدا بىرىنچى، ئىككىنچى.... دىگەندەك گەپلەر نىمانچە جىقتۇ، مۇئەللىپ ماۋزۇ قويۇشنى بىلمەمدىغاندۇ دىيىشكەن بولۇشۇڭلار مۈمكىن. مەن ئەسلىدە ھەربىر تەتۈرلۇككە ئايرىم-ئايرىم ماۋزۇ قوياي دىگەن ئىدىم بىراق قايتا-قايتا ئويلۇنۇش ئارقىلىق، كېينچە «تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر» دىگەن ئورتاق مەزمۇنغا يىغىش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنىلام مۇشۇنداق ماۋزۇ قويۇۋېرىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئاخىرىدا پىكىر-تەكلىپىڭلارنى ئايىماستىن پېقىرنىڭ ئەرزىمەس ئەمگىگىگە ئىلھام بېرىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.


    收藏到:Del.icio.us