• 2011-02-11

    خامخىيال - [ئىقتىزاتقا دائىر]

    مەن بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا شۇنداق خىيال قىلاتتىم. قاراڭغۇدا يولدا كېتىپ بارسام، پۇتۇمغا تۇيۇقسىز بىر نەرسە ئىلنىشىپ قالسا، پۇتۇمنى سىلكىسەم، پۇتۇمدىن چىقىپ كەتمىسە، يەنە سىلكىسەم، يەنە چىقىپ كەتمىسە، يەنە سىلكىسەم، يەنە....ئاخىرى نىمىدۇ بۇ؟ دەپ ئىڭىشىپ قارىسام، قولۇمغا بىر سومكا ئورۇنسا، ئېچىپ قارىسام، ئىچىدىن بىر مىليۇن پۇل چىقسا....

    گەرچە كىچىكىمىزدە تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش تەربىيىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن دائىم ئەنە ئەشۇنداق بالىلارغا خاس بولغان سەبىئى تەپەككۈر قىلاتتۇق، ئۆز تەپەككۇرىمىزدىن لەززەتلىنىپ سۇيۇنۇپ كېتەتتۇق. ۋۇجۇدىمىزنى بىر خىل ئىللىق ئېقىم چىرمىۋالاتتى. ئەمما كەلگۈسىدە بىز راستىنلا پۇل تېپىپ كاتتا زەردارلاردىن بۇلالامدۇق؟ بۇنى ئويلاپمۇ قويمايىتتۇق. بۇ خىل تەپەككۇر ياشتا خېلىلا چوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ داۋاملاشتى. (ھەتتا ھازىرمۇ يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا بىرە-بىرە ئەنە ئەشۇنداق خىياللارنى سۇرۇپ، ئۆزەمنى خوش قىلىپ قويىمەن.) كېيىن يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ خىيالىممۇ بارا-بارا ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى.

    مەن ئىنتايىن ئۇزۇن داۋاملاشقان ئوقۇش مەزگىلىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خىزمەتكە چىقتىم، توي قىلدىم، بالىلىرىم بولدى، بۇ جەرياندا خىزمەت، خىىزمەتتىن كەلسەك ئائىلە دىدۇق، ئويۇنىمىزنىمۇ ئويناپ تۇردۇق، تۇرمۇشىمىز ئۈن ئالغۇ ئېلىشتىن باشلىنىۋىدى، ھازىر نوۋەت ئوي ئېلىپ بولۇپ، ماشىنا ئېلىشقا كەلدى. بۇنداق مودىلار زادىلا تۇگەپ قالمىدى، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپلا كەلدى. مودا قوغلىشىپ چاچ-ساقاللىرىمىزمۇ ئاقىرىشقا باشلىدى. قارىغاندا قېرىشقا باشلىغان ئوخشايمىز، مانا ھازىر بالىلىرىمنىڭ ھەر ئىككىلىسى چوڭ بولۇپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتىدۇ. ئەمما مەن خىزمەتكە چىقىپ ھازىرغىچىلىك بولغان ئارىلىقتا بىرلا نەرسە ئۆزگەرمىدى، ماڭا بىرلا خىيال، بىرلا تەپەككۈر، بىرلا ئارزۇ باشتىن ئاخىر ھەمرا بولۇپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ پۇل تېپىش. پۇل تېپىپ كاتتا زەردارلاردىن بولۇش ئارزۇسى ئىدى.

    مەن تۇرمۇشۇمدا نىمە قىلماقچى بولسام شۇنىڭغا پۇل كاملايتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۈن ئالغۇ، تېلىۋىزور سېتىۋېلىشقا پۇل كاملىغانتى،مانا ھازىرمۇ ماشىنا سېتىۋېلىشقا پۇل كاملاۋاتىدۇ. مۇشۇنداق پۇل كاملاشلار نەتىجىسىدە مەن بارا-بارا مۇنداق خىيال قىلىشقا باشلىدىم.

    مېنىڭ جىق ئەمەس 50 مو يېرىم بولۇپ، 15 مو يېرىمدە 10 مىڭ تۈپ ماتىرياللىق ئورمىنىم بولسا، 20 مو يەردە ياڭاقزارلىقىم بولسا، 10 مو يەردە چىلانلىقىم بولسا، يېرىمنىڭ مۇئاپىق يېرىگە ئېغىل ئېتىپ، ئېغىلىمدا 20 دانە سورتلۇق كالام، 15 دانە قويۇم بولسا، قىشلىقى شەھەردىكى بىنا ئويۈمدە تۇرۇپ، يازلىقى تەتىل مەزگىللىرىدە ئېكىنزارلىقىمدا تۇرسام، شەھەرنىڭ رەستە كوچىلىردىن 3-4 دۇككان سېتىۋېلىپ، ئىجارىگە بەرسەم، قىسقا يوللۇق تاكسىدىن 2-3 مېڭىپ تۇرسا، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستىن 1-2 نى يولغا قويسام، پۇلغا ئىشلەپ تۇرسا.....بۇ ئىشلىرىمنى باشقۇرۇپ ۋاقتى ۋاقتىدا ماڭا خەۋەر قىلىپ تۇرىدىغانغا بىر خۇجىدارىم، كىرىم-چىقىمنى ھىساپلايدىغانغا بىربۇغالتىرىم، ئېكىنزارلىقىمنى باشقۇرىدىغانغا بىر ئىش باشقۇرغۇچۇم، بولسا، ئۇ چاغدا پۇل كاملاش دىگەنلەر ئۇ ياقتا تۇرسۇن، پۇلنى خەجلەپمۇ تۈگۈتۈپ بولغىلى بولمايدۇ،......           ھەي.....

    نىمدىگەن ياخشى خىيال-ھە؟

    ھۆرمەتلىق ئوقۇرمەن. قېنى ئېيتىڭچۇ، مەن ئەخمەقمىكەنمەن؟ بېشىدىكى بالىلارچە خىيالنى قويۇپ تۇرۇپ ئاخىرىدىكى خىيالنى ئەستايىدىل ئويلاپ بېقىڭ. مانا بۇ بىر خىيال. ناۋادا سىز بۇ خىيالنى خام خىيال دىسىڭىز ئۇ چوقۇم خام خىيال. ياق بۇ خام خىيال ئەمەس، دىسىڭىز شۇبھىسىزكى ئۇ خام خىيال ئەمەس! قېنى قالدى ئىش پۇزۇتسىيىڭىزدە قالدى. ئۇنتۇپ قالماڭ! سىزنىڭ پۇزۇتسىيىرىڭىز ئۆز تەقدىرىڭىزنى بەلگۈلەيدۇ!

    دىققەت: «بولمايدۇ»، «قىلغىلى بولمايدۇ»، «مۇمكىن ئەمەس»، «ئامال يوق»، «شارائىتىمىز يار بەرمەيدۇ»، ... دىگەندەك سۆزلەردىن مەڭگۈ يىراق تۇرۇڭ. چۇنكى بۇ خىل سۆزلەر سىزنىڭ ئەشۇ ئىش توغرىسىدىكى ئاخىرقى كېسىمىڭىز بولۇپ، ئۇ قايتا ئويلۇنىشىڭىزنى قەتئى چەكلەيدۇ. سىزگە قايتا تەپەككۈر يولى بەرمەيدۇ. بۇ سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە بەزى ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىشلارمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇ يەردە يۈرەكلىك ھالدا شۇنى ئېيتىشقا بولۇدىكى، دۇنيادىكى يۈزدە سەكسەن پىرسەنت ئادەمنى تەتشكىل قىلغۇچى نامرات كىشىلەر دەل يۇقۇرىدىكى سۆزلەر بىلەن قۇراللانغان .


    收藏到:Del.icio.us