• 2011-01-30

    Windows7 قاچىلىغاندىن كېيىن كومپىيوتىرىڭىزدا ئاۋاز بولمىسا.... - [بىلىم-تەجرىبە]

     

    مەن Windows7 نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن بىر مەزگىلگىچە Windowsxp نى ئىشلىتىۋەرگەن بولساممۇ لېكىن باشقىلاردىن ۋە Windows7 توغرىلۇق يېزىلغان يازمىلاردىن Windows7 نىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، مەنمۇ Windowsxp نىڭ ئورنىغا Windows7 ئىشلەتمەيمۇ دىگەن خىيال بىلەن كومپىيوتىرىمغا Windows7 قاچىلاپ ئشلەتتىم. لېكىن، ئويلىمىغان يەردىن Windows7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، قارىسام ئاۋازنى تونۇماپتۇ. جىق ھەپىلىشىپمۇ مەسىلىنى تاپالماي توردىن ئاۋاز كارتىسى( 声卡 ) چۇشۇرۇشكە مەجبۇر بولغان ئىدىم. بۇنداق ئەھۋالغا بىرنەچچە قېتىم يولۇقتۇم. باشقىلار قانداق قىلغىنىنى بىلمىدىم، لېكىن، تەجىربىسىزلىگىممۇ ياكى باشقا سەۋەپلەر بارمۇ، بىلمىدىم. لېكىن مەن Windows7 نى قاچىلاپ ئىشلەتسەملا ئاۋازى يوق، گاچا بولۇپ چىقتى.

      Windows7 نىڭ ئىلغار تەرەپلىرى ھەقىقەتەن كۆپ بولغاچقا Windows7 دىن ۋاز كېچەلمىدىم. Windows7 نى ھەر قېتىم قاچىلىسام 驱动人生  دەيدىغان بىر يۇمشاق دىتال بىللە چۈشەتتى. كومپىيوتىر ئاۋازىنى تونۇتالماي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ نىمە دىتال بولغىيىتتى، دىگەن خىيال بىلەن قوزغۇتۇپ قاراپ باقسام 驱动 نىڭ ئىچىدە 基本信息 دىگەن بىر تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 自动更新,自动备份,驱动还原 دىگەن 3 كوزنەك بار ئىكەن، بۇنىڭدىن 自动更新 نى چىكىۋىدىم، مانا قاراڭ، كارمەت يۈز بەردى. گاچا كومپىيوتىرىمغا بىردىنلا زۇۋان كىردى.

    ئاۋاز تونۇتۇشتا بۇنىڭدىنمۇ ئاسانراق باشقا ئۇسۇللار بارمۇ، ياكى بۇ ئۇسۇل تور يوق كومپىيوتىردا ئىشلەمدۇ، ئىشلىمەمدۇ بۇ تەرىپىنى بىلمىدىم. ئەمما تورغا چېتىقلىق كومپىيوتىردا ياخشى ئىشلەيدىكەن. شۇڭا كومپىيوتىرىغا Windows7 نى قاچىلاپ، ئاۋاز تونۇتالماي يۇرگەن مەندەك «چالا موللام»لارغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالار، دىگەن مەخسەتتە بۇ يازمىنى يازدىم. كوپچىلىك ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.

    分享到:

    评论

  • [dAva:0][dAva:0]كەچۇرمىشىمىز ئوخشاشكەن
  • [dAva:0]كەچۇرمىشىمىز ئوخشاشكەن
    Karabeg回复چەكمەن说:
    سىزمۇ ئاۋاز تۇنۇتالماي جىق جاپا تارتىپسىزدە.
    2011-02-18 20:41:47