• 2011-01-18

    خىزمەتتىكى ئالتىنچى تەتۈرلۈك - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]

     

    ئۇزۇن يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزدە مۇنداق مەسىلىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرۇدۇ. بىرسى تەشكىلات بۆلۈمىدىن دۆلەت مەمۇرلىرىغا قېتىپ بەرگەن 100يۈەندىن ئىش ئورنى ياردەم پۇلىنى تارقىتىش مەسىلىسى. (بۇ پۇل ئادەتتە ئادەم ئىسمى بىلەن كېلىدۇ)

     مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۇقۇرىدىن ئادەم ئىسمى بىلەن چۈشكەن پۇلنى كۆپىنچە يېزا-بازارلاردا ئۆز ئەينى بويىچە تارقاتسا، بىر قىسىم يېزا بازارلاردا ئۆز ئەينى بويىچە تارقاتماي ئەسلىدە ئىسمى بولمىغان  پونكىت كادىرلىرىدىن بىر ئىككنى قېتىپ تارقىتىدىغان، مەسىلەن 5 ئادەم ئالىدىغان پۇلنى 7 ئادەمگە تارقىتىدىغان ئەھۋاللار ماۋجۇت. بۇنداق پۇل تارقىتىش قارىماققا توغرىدەك تۇرسىمۇ لېكىن بۇنىڭدا 2 ئادەم خوش بولۇپ 5 ئادەم رەنجىيدۇ. بۇ ئەسلىدە بىرمۇ ئادەم رەنجىمەستىن 5 ئادەم خۇشال بولىدىغان ئىش ئىدى. ئەپسۇسكى باشلىقنىڭ كىچىككىنە ئالدىراقسانلىقى 5 ئادەمنىڭ رەنجىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

    يەنە بىرسى، بىر قىسىم يېزا بازارلار يىل ئاخىرىدا مۇكاپات قىلىپ تارقىتىش ئۈچۈن كادىرلارنىڭ مائاشىدىن بەلگىلىك نىسپەتتە پۇل تۇتۇپ قالىدۇ .(بۇ خىل ئەھۋاللار يالغۇز يېزا-بازارلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى مائارىپ، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت ۋە بىر قىسىم ئىدارە- جەمىيەتلەردىمۇ ئوخشاشلا ماۋجۇت.) يىل ئاخىرى بولغاندا باشلىقلار بۇ پۇلنى خۇددى ئوزلىرىنىڭ پۇلىدەك قىلىشىپ، ھەرخىل ئۇسۇل، ھەرخىل شەكەلدە تارقىتىدۇ. قانداق تارقىتىشنى خالىسا شۇنداق تارقىتىدۇ.(ھەتتا بەزىلىرى ئارىدىن پايدىمۇ ئالىدۇ تېخى.) بۇ جەرياندا كوپ قىسىم ئادەملەرنىڭ پۇلى تۇتۇلۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

    خوش، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق باشلىقلار نىمە مەخسەتكە يەتتى؟ ئۇلار ئۆزلىرى ئويلىغاندەك، مۇكاپات ئالغان ئاتالمىش "ياخشى" لار رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، پۇلى تۇتۇپ قېلىنغانلار" بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىمەپتىمىز، شۇڭا پۇلىمىز تۇتۇلدى، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئىشلەيلى" دىدىمۇ؟ ياق! بۇنىڭ نەتىجىسى ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ! مۇكاپات ئالغۇچىلار ناۋادا پاسىق بولمىسىلام باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىيىشكە رازى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ كوڭلىمۇ بىر قىسىملا بولۇپ قالىدۇ. پۇلى تۇتۇپ قېلىنغۇچىلارچۇ؟ پۇلى تۇتۇپ قېلىنغۇچى، قوينىڭ قۇزىسى ھىساپلانغان ياۋاش ئاممىمۇ بۇ ئىشتىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولىدۇ؟ ئاخىرى قانداقتۇ ئىش تەقسىماتى جەھەتتىكى ئادىللىقى نامايان بولماستىن بەلكى بىر قېتىملىق شەرمەندىلىك ئاشكارىلانىدۇ. خالاس!

    ئەسلىدە بۇخىل باشلىقلار مۇكاپاتلىغۇدەك پۇلى بولسا مۇكاپاتلاپ، مۇكاپاتلىغۇدەك پۇلى بولمىسا قوڭىنى قىسىپ ئولتۇرسا، خەلق ئالەم ئالدىدا بۇنداق شەرمەندە، رەسۋا بولماس ئىدى، ئەكسىچە كوپ قىسىم كىشىلەر ئۇلاردىن رازى بولاتتى.

    مەسىلىنى مۇنداق بىرتەرەپ قىلىش بىر خىل تەتۈرلۈك بولۇپلا قالماي، ئازنى خوش قىلىپ، كوپنى رەنجىتىش خارەكتىرىدىكى ھاماقەتلىك، دىۋەڭلىك قىلمىشىدۇر. مەسىلىلەرگە مۇنداق مۇئامىلە قىلىش ھەرگىزمۇ ئاقىلانىلىق ئەمەس!

    分享到:

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھەقىقەتنى سۆزلەۋاتقان ئۆزگىچە تەتۈرلۈكلىرىڭىزگە ئالىي تىلەكلىرىم ھەمراھ، تەپەككۇرىڭىز ھارمىغاي!!!
    Karabeg回复توڭتاش说:
    ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەخمەت
    2011-02-02 10:58:39