• 2011-01-15

    باي بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدەم باسقۇچى - [ئىقتىزاتقا دائىر]

     

    باي بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدەم باسقۇچى- كۈچلۇك ئارزۇيىڭىز بولسۇن.

    ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز بەلكىم باي بولۇش ئارزۇيىڭىز ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئادەم بولۇپ، پۇل تېپىش يولىغا ئاللىقاچان ئاتلىنىپ بولغان ئادەمدۇرسىز. بۇ يولدا مەلۇم نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈرگەنسىز. بەلكىم مېنىڭ بۇيەردە سىزگە نەسىھەت قىلغۇدەك سالاھىيىتىممۇ يوقتۇر. شۇنداقتىمۇ سۆزۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭ. مەن بۇ باسقۇچنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرىمەن.

    1. پۇل تېپىپ كاتتا بايلاردىن بولۇش- بۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ كۆرىدىغان بۈيۈك ئارزۇسىدۇر. بۇ ئارزۇ سىزدىمۇ بار، مەندىمۇ بار....ئۇنىڭدىمۇ بار. ئىشقىلىپ ھەممە ئادەم باي بولسام دەيدۇ. شۇڭلاشقا ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا شۇغۇللىنىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنە شۇ باي بولۇش ئارزۇسىنى قانائەت تاپقۇزۇش ئۈچۈندۇر.   ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ پۇل تېپىش ئارزۇسى بولغۇنى بىلەن ئۇنىڭ كۈچلۈك –ئاجىزلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. پۇل تېپىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئۇنىڭ بۇ يولدىكى چىدام-غەيرىتىنى بەلگۈلەيدۇ. باي بولۇش ئارزۇسى كۈچەيگەنسىرى مۇئەپپەققىيەت قازىنىش دەرىجىسىمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ. چۇنكى ئۇ بۇ يولدا ئۇچىرىغان ھەر قانداق تۇسالغۇلارنى يېڭىپ ئۆز ئارزۇسى يولىدا تىنىمسىز ھەركەت قىلالايدۇ.

    ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سۆزۇمنى ياخشى ئاڭلاڭ. ئەگەر سىز باي بولىمەن دەيدىكەنسىز ئەڭ ئاۋال سىزدە كۈچلۈك دەرىجىدىكى باي بولۇش ئارزۇسى بولۇش كېرەك. يەنە كېلىپ بۇ ئارزۇ ئىنتايىن كۈچلۇك بولىشى، سىزنىڭ خىلمۇ-خىل ئارزۇلىرىڭىز ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ كۇچلۇك ئارزۇيىڭىز بولۇشى شەرت.

    2. خوش سىزدە باي بولۇش ئارزۇسى بار بولدى. نىمە؟ بۇ ئارزۇ مەندە ئەسلىدىنلا بار ئىدى دەمسىز؟ شۇنداق سىز دە ئەسلىدىنلا بار ئىدى. بىراق كۈچلۇك ئەمەس ئىدى. ئارزۇيىڭىزنىڭ قاچان ئەمەلگە ئېشىشىنى بىلمەيىتتىڭىز. ھەم ئارزۇيىڭىزنى ئەتىدىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، دەيتتىڭىز. ئەتە كەلسە، يەنە ئەتىدىن باشلاپ.... دەيىتتىڭىز، ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەقەت تىرىشمايتتىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدىكى ئەڭ كىچىك ئىشلارمۇ سىزنىڭ باي بولۇش ئارزۇيىڭىزغا پۇتلىكاشاڭ بولاتتى، مۇشۇ ئىشنى قىلىپ بولۇپ ئاندىن بىراقلا ئاتلىنىمەن دەيتتىڭىز. بىراق يەنە ئاتلىنالمايتتىڭىز. سىزنىڭ بۇ ئەتىڭىز زادىلام تۈگىمەيتتى.

    سىز بۇ تىمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنلا ئاندىن باي بولۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇيىڭىز بولۇشنىڭ لازىملىقىنى چۈشۈنىسىز. بىراق دوستۇم. باي بولۇشنىڭمۇ دەرىجىسى بار تۇرسا، سىز زادى قايسى خىلدىكى بايلاردىن بولماقچى؟

    بىلگايتس، ۋورېن بافىتلاردەك كاتتا بايلاردىن بولامسىز ياكى ئوتتۇرىھال دەرىجىدىكى بايلاردىنمۇ؟ ياكى تۇرمۇشىڭىز كاپالەتكە ئىگە بولسا، ئارتۇق-تۆشۇق پۇلىڭىز بولمىسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر مەخسەتكە كېلىشىڭىز كېرەك.

    3. بىلگايتس، ۋورېن بافىتلاردەك كاتتا بايلاردىن بولۇشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟ قورقىۋاتامسىز؟ بولدى قورۇقماڭ. بىلگايتس، ۋورېن بافىتلاردەك كاتتا بايلاردىن بولۇش ئارزۇسىنىڭ ھىچبىر قورۇققۇچىلىكىسى يوق. ئەگەر قورقۇشقا توغرا كەلسە بىز دۇنيانى بويسۇندۇرىمىز، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىمىز، تەبىئەتنى بويسۇندۇرىمىز. دىگەنگە ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان، ئىنسان تەبىئىتىگە يات بولغان ئارزۇ-نىشانلاردىن، ۋە ياكى ئەخلاق، قانۇن، سىياسەتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئارزۇلاردىن قورقسا بولىدۇ. بىلگايتس، ۋورېن بافىتلاردەك كاتتا بايلاردىن بولۇش ئارزۇسى ئۆزىنى ئەركەك ساناپ، دۇچ كەلگەن ھەرقانداق ئېغىر قىيىنچىلىققىمۇ جۇرئەت قىلالايدىغان ئادەملەرنىڭلام ئارزۇسى بولالايدۇ، خالاس. سىزنىڭ "بۇ ئامىرىكا ياكى باشقا تەرەققى تاپقان مەمىلىكەت بولمىسا قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ بۇ جۇڭگۇ تۇرسا... بازار، ئادەم، سىياسەت، تەرەققەيات.... قاتارلىق خىلمۇ-خىل ئامىللارنى كوزدە تۇتقاندىمۇ بۇئارزۇنى قانداقمۇ رىئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولسۇن؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس". دىيىشىڭىز ئېنىق. بولدى باشقا گەپنى قويۇپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كاتتا بايلاردىن بولۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈڭ! كېيىنكى گەپنى بالدۇر دەۋەتسەممۇ مەيلى، مەشەدە سىزگە بىر گەپنى ئېيتاي: "بولمايدۇ"، "قىلغىلى بولمايدۇ"، " ئەتكىلى بولمايدۇ"، "مۇمكىن ئەمەس"، "بولۇشىچە"، "تەلىيىم يوق"، "ئامال يوق" دىگەندىن ئىبارەت ئۆز ۋۇجۇدىڭىزدىكى بولماسلىق نەزىريىسى بېيىش يولىڭىزغا تۇسالغۇ بولىدىغان ئەڭ چوڭ دۈشمەنلەرنىڭ بىرسى. يەنە كېلىپ سىزنى ئاللا ياراتقان، ئاللا-تائاللا ھەرگىزمۇ كېرەكسىز نەرسىلەرنى ياراتمايدۇ. ئاللا پەقەت سىزنى مەلۇم بىر مەقسەتتە، سىز ئارقىلىق مەلۇم بىر نىشاننى ئەمەلدە كۆرسىتىش، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن سىزنى ياراتقان. شۇنداق ئىكەن نىمىدىن قورقۇسىز؟  يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ ھازىرچە قىلچە ئىككىلەنمەستىن كاتتا بايلاردىن بولۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈڭ. بۇ ئارزۇ شۇنداق كۈچلۈك بولسۇنكى، كۈندىزدىكى ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق پائالىيىتىڭزدە خىيالىڭىزدىن چىقمىسۇن، كېچىلىرى چۈشىڭىزگە كىرسۇن.

    يىغىپ ئېيىتقاندا؛ كۈچلۈك دەرىجىدىكى باي بولۇش ئارزۇسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن پۇلنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىڭىز كېرەك. قالغىنىنى كېيىنكى دەرىسلىرىمىزدە ئاستا-ئاستا چۈشۈنىۋالىسىز.


    收藏到:Del.icio.us




    评论