ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

2008-يىلى12-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئامانگۈل چېكىلىشى:قىتىم
   * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۈسىيىن مەمتىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : 16 – سېنتەبىر ، يېڭىسار ناھىيىسنىڭ يېڭىيەر يېزا موملۇق 3–كەنتىدىكى مەرىپەتپەرۋەر يەككە تىجارەتچى ئوبولقاسىم بىراۋىدىن ئۆز يېنىدىن8000 يۈەنگە يېقىن پۇل چىقىرىپ ، 100 قۇر كىيىم – كېچەك سېتىۋېلىپ
  

   * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۈسىيىن مەمتىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : 16 – سېنتەبىر ، يېڭىسار ناھىيىسنىڭ يېڭىيەر يېزا موملۇق 3–كەنتىدىكى مەرىپەتپەرۋەر يەككە تىجارەتچى ئوبولقاسىم بىراۋىدىن ئۆز يېنىدىن8000 يۈەنگە يېقىن پۇل چىقىرىپ ، 100 قۇر كىيىم – كېچەك سېتىۋېلىپ ، يېڭىيەر يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى نامرات، تۇرمۇشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 100 نەپەر ئوقۇغۇچىغا تارقىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان روزا ھېيىتنى خۇشال – خورام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى .

 ئوبۇلقاسىم بىراۋىدىن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھېيىتلىق كىيىم – كېچەك تارقىتىپ بەرمەكتە

  * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەسقەر مىجىت خەۋىرى ، فوتوسى : قەشقەر ۋىلايىتى‹‹ئىككى ئاساسەن››خىزمىتىنى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى كۈتۈۋاتقان پەيتتە ، قەشقەر شەھەر چاسا كوچا باشقارما پايناپ ئىجتىمائىي رايونىدىكى ئاھالىلار ئىجتىمائىي رايوننىڭ ياچېيكا شۇجىسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە ، شەھەرلىك 13–باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 20 نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئەلاچى ئوقۇغۇچىغا 2000 يۈەن بايراملىق ھال سوراش پۇلى تارقىتىپ بەردى . 

 مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات سەلەي بەكرى ئوقۇغۇچىلارغا ھال سوراش پۇلى تارقىتىپ بەرمەكتە

   * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇن ئابلىز خەۋىرى ، فوتوسى : يېزا ئىگىلىك 3–شى پەيزاۋات باش مەيدان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى يىلدا بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى . بۇ يىل ، بۇ پونكىت 14 – سېنتەبىردىن 16 – سېنتەبىرگىچە باش مەيدان ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 2150 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى .

تېببىي خادىملار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!