ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

تيەنجىن شەھىرى 480مىليون يۈەن ئاجرىتىپ ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن59نى يولغا قويدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    لى دۇڭمېي خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، تيەنجىن شەھىرى بۇلتۇر 25 سىناق ئۈلگە تۈرىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، بۇ يىل يەنە چىرا، كېرىيە، نىيە ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 34نى يولغا قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي يولغا قويغان تۈرى 59غا يېتىپ، تەخمىنەن 480 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.

    ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تيەنجىن شەھىرى 330 مىليون يۈەن جۇغلاپ تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا دائىر نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 30نى يولغا قويىدىكەن، سېلىنما مەبلىغى يىللىق ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدىكەن.

    تيەنجىن شەھىرى 2010 – يىلى يولغا قويغان 25 سىناق ئۈلگە تۈرى ئەمىن ئۆي، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەركىزى بازىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 360 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. ھازىر تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ياخشى بولۇپ، 382 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي پۇتتى؛ كېرىيە ناھىيەسىدىكى تيەنجىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەركىزى بازىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازىرى بولۇپ قالدى؛ خوتەندە 230 نەچچە ئايال قول ھۈنەرۋەنچىلىك، توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەندى... شۇنىڭ بىلەن بىللە تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭدىكى تيەنجىنلىك سودىگەرلەر ئويۇشمىسىغا تايىنىپ، 20 نەچچە كارخانىنى شەرقتىكى ئۈچ ناھىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىش، تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىپ، 28 رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئەمىن ئۆي، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئۈچ ناھىيەدە ئالتە تۈر قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، 220 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 13 مىڭ ئائىلىلىك دېھقاننىڭ تۇرالغۇسى ياخشىلانماقچى. ئېكولوگىيە، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش تەلىپى بويىچە چىرا ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كەپىلىك مەھەللىلەر ئۆزگەرتىلىپ، زامانىۋى مەھەللە بەرپا قىلىنىدۇ. تيەنجىن شەھىرى كەسىپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹بىر ئائىلىدە بىر پارنىك بولۇش، ئوتتۇرىچە بىر مو باغ بولۇش، بىر ئائىلىدە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش››نى نىشانلىغان.

    63 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 13 ئوقۇتۇش تۈرى، جۈملىدىن قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، تيەنجىندىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ۋىلايەت ۋە ئۈچ ناھىيەگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىش، تيەنجىن خوتەن تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە شەرقتىكى ئۈچ ناھىيەنىڭ دەرسلىك مەنبەسى، شۇنداقلا مائارىپ بايلىقى جامائەت مۇلازىمەت سەھنىسى قۇرۇلۇشى، قوش تىللىق زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    ئۈچ ناھىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئون داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش تۈرى، جۈملىدىن داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش، ساقلىقنى ساقلاش كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىش قاتارلىقلارنى يولغا قويىدۇ.

    تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جاڭ جيەنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى بەش يىل ئىچىدە ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، يەرلىك مالىيە كىرىمى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنى ئىككى قاتلاشنى نىشان قىلىپ كەسىپ تەرەققىياتىنى قوللاپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا باشلامچى بولالايدىغان تۈۋرۈك كەسىپلەرنى يېتىشتۇرۇش ئاساسىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ يىل ئۈچ ناھىيەدە ئەگمە پارنىكتىن 2250ى، تام چۆرىدەپ ياسىلىدىغان پارنىكتىن 275ى سېلىنىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازىسى قۇرۇلۇشى سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. چىرا ناھىيەسىنىڭ 10 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيەلىك رايون بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ناھىيەنىڭ ئايلانما يېزا ئىگىلىك كەسىپ رايونى تۈرى ئالغا سىلجىتىلىپ، كېرىيە ناھىيەسىدە 5000 مو ياڭاقلىق، چىلانلىق قاتارلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، 3000 مو ئىقتىسادىي بەلباغ ۋە نىيە ناھىيەسىدىكى 2600 مو چىلانلىق تېمىتىپ سۇغىرىلىدۇ. كېرىيە، نىيە ناھىيەسىدە 1000 ئايال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

    بۇ يىل تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىدە يەنە چىرا، كېرىيە، نىيە ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونى ئۈل ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە 24 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ سۇ، توك ۋە يول تۇتاشتۇرۇلۇپ، ‹‹بىر ئائىلىدە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش›› نىشان قىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى يەڭگىللىتىلىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!