ماھىنۇر توختىھاجى خەۋىرى : ئۇلۇغچات ناھىيەسى مەبلەغكە ئېھتىياجلىق دېھقان – چارۋىچىلارغا ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىشنى خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈرى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئىشلەپچىقىرىشنى يۈكسەلدۈرۈش، كۆلەمنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىتىش›› نى نىشان قىلىپ، بۇ يىل 10 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقىتىشنى پىلانلىدى.
ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى يېڭىيەر كەنتىدىكى گۇڭ فاچاڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق قىلىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرالماي كەلگەنىدى. ئۇ 2006 – يىلى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ئاز سوممىلىق قەرز مەبلىغىدىن 30 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە گۇڭ فاچاڭ باقمىچىلىق فېرمىسى قۇرۇپ، 6000 تۇخۇم توخۇسى، 4000 گۆش توخۇسى بېقىپ، ناھىيە بازىرىنى ھەر يىلى 50 توننىدىن 60 توننىغىچە تۇخۇم ۋە توخۇ گۆشى بىلەن تەمىنلەپ، ساپ كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.