ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ساداقەت قۇربانى

2011-يىلى05-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە: يوللىغۇچى: ئەسقەر
  

مانا، قاچانلاردىن بۇيان سادىر بولغان، ئۆزۈم گۇۋناھ بولغان ۋە نىمە ئۈچۈندۇرا ھىچقاچان يادىمدىن چىقمايدىغان غەمكىن خاتىرلىرىمدىن بىرى ئىدى، ئاشۇ كۈنلەردىن بۇيان قانچىلىك غەمكىن، ھاياجانلىق، قورقۇنۇشلۇق مىنۇتلارنى بىشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، لىكىن بەرىبىر. ئون، ئون ئىككى ياش مەزگىلىمدە مەن بىلگەن مايماق ھاممامنىڭ سىياقى بىرەر كۈنمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمىگىنىگە ھەيران قالاتتىم.

ئۇ دۈشەنبە كۈنلىرى بىزنىڭكىگە كىلىپ كىيىم – كىچەك، يوتقان – كۆرپىلەرنى يامايدىغان ياماقچى كەمپىر ئىدى. ئاتا- ئانام شۇ پەيتلەردە ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشى تۈپەيلىدىن «قەسىر» دەپ ئاتىلىدىغان يېزا ئۆيلىرىنىڭ بىرىدە تۇراتتى، ئىنىقراق ئېيتقاندا «قەسىر» پەقەت تىمى ئىگىز قوپۇرۇلغان ئەتراپى 4- 5 پارچە يەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ئاددى كونا ئىمارەت ئىدى. قورغىنىمىزدىن يۇز مىتىرلارچە نىرىدا بىر زامانلاردا قىزىل خىشتىن قوپۇرۇلغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىشلىرىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن چىركاۋ بىناسى ئەتراپىغا چوڭ يېزا جايلاشقان ئىدى.

ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتە، ئالتەيىرىم ئەتراپىدا مايماق ھامما بىزنىڭكىگە كىلەتتى دە توپ توغرا بالىخانىدىكى كىرخانىغا چىقىپ ئىشقا كىرىشىپ كىتەتتى. ئۇ ئىگىز بويلۇق، ئورۇق كەلگەن، ساقاللىق، توغرىسىنى ئېيتقاندا پۈتۈن يۈزىنى ھەيران قالغىدەك دەرىجىدە ساقالدەك تۈك قاپلىغان ئايال ئىدى. خۇددى قارىغان كىشىگە ئەقلىدىن ئازغاندەك ئەسكەرنىڭ ئايالچە كىيىم كىيىۋالغان ھالىتىنى ئەسلىتەتتى. بۇنداق تۈكلەر ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۈستىدىمۇ، ئاستىدىمۇ، ئەتراپىدىمۇ ھەم چاناق ئىڭەكلىرىدىمۇ تەرتىپسىز ھالەتتە ئۆسۈپ كەتكەن ئىدى. قاشلىرى چۆچەكلەردىكىدەك قويۇق ۋە ئۇزۇن، بىراق پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەچكە ئادىشىپ شۇ يەرگە قويغان بۇرۇتقا ئوخشايتتى، ئۇ ئاقساپ ماڭاتتى، بىراق ئۇنىڭ ئاقسىشى باشقا ئاقساپ ماڭىدىغانلارغا تامامەن ئوخشىمايتتى، خۇددى دىڭىز دولقۇنىدا لەنگەر تاشلاپ توختاپ تۇرغان كىمىگە ئوخشايتتى. ئۇ ساق پۇتى بىلەن قەدەم ئالغاندا ئۇنىڭ بەستلىك قامىتى خۇددى غايەت زور دولقۇن ئۈستىگە كۆتۈرىلىۋاتقان يەلكەنلىك كىمىنى ئەسلىتەتتى. كىيىنكى قەدىمىنى ئالغاندا بولسا خۇددى ھاڭغا غۇلاپ چۈشىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ مىڭىشى بورانلىق دىڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن كىمىنى ئەسلىتەتتى، ئۇنىڭ ھىچ قاچان بىشىدىن چۈشمەيدىغان ئاق شىلەپىسى ئارقىسىدىن چۈشۈپ تۇرغان لىنتىلىرى ماڭا گاھ شىمالدىن جەنۇپقا، گاھ جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ ئۇپۇقنى كىسىپ ئۆتۈۋاتقان كىمە يەلكەنلىرىدەك كۆرۈنەتتى.

مەن مايماق ھاممىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتىم، دۈشەنبە كۈنلىرى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا پۇتلىرىنى ئىستقۇچ ئۈستىگە ئىلىپ ئاللىقاچان ياماقچىلىققا كىرىشىپ كەتەكەن مايماق ھاممامنىڭ يىنىغا يەنى كىرخانىغا چاپاتتىم،  كىرىشىم بىلەنلا بالىخانىدىكى بۇ يوغان كىرخانىدا شامالداپ قالماسلىقىم ئۈچۈن مىنىمۇ ئىستقۇچ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇ "سىنىڭ رىسقىڭ بەدىلىگە پۇتلىرىنىڭنى ئىسسىتىدۇ" دەيتتى مىنى ئىشەندۈرۈپ. ئاندىن ئۇ ئىلگەكتەك بارماقلىرىنى چاققانلىق بىلەن ھەركەتلەندۈرۈپ ياماق يامىغاچ ماڭا ھەرخىل ۋەقەلەرنى ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بىرەتتى، ئۇنىڭ ئەينەكلىرى ئىنتايىن قىلىن كۆزئەينىكى ئاستىدىكى كۆزلىرى (ياشىنىپ كەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ياخشى كۆرەلمەيدغان بولۇپ قالغان) ناھايىتى يوغان بۇلاقتەك كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ گۈدەك قەلبىمنى ھاياجانغا سالىدىغان ھىكايىلىرىدىن ئۇنىڭمۇ تەقدىر مۇھتاج قىلىپ قويغان كۆپلىگەن ئاياللاردەك ئالىجاناپ ئىكەنلىگىنى ھىس قىلاتتىم ئۇ ئۆز قىسمىتىگە ساددىلىق بىلەن پۈتۈنلەي باش ئەگكەن ئاياللارنىڭ خىلىدىن ئىدى، ئۇ ماڭا يېزىدا بولۇپ ئۆتۈۋاتقان ھادىسىلەر، ئىغىلىدىن قىچىپ كىتىپ پروسپېر مېررېنىڭ شامال تۈگمىنىنىڭ چاق پەلىكىگە كەچكىچە تىكىلىپ تۇرغان ئىنەك ھەققىدە سۆزلەپ بىرەتتى، كىيىن چىركاۋ قوڭغۇراقخانىسىغا تۇخۇم باسقان مىكىيان ھەققىدە سۆزلەپ ھازىرغىچە ئۇ مىكىياننىڭ ئۇ يەرگە قانداق چىققانلىقىنىڭ سىرى ئىچىلمايۋاتقانلىقىنى، ژانژان پلاس يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىشتىنىنى يىيىپ قويغىنىدا بىر يولۇچىنىڭ ئۇنى ئوغۇرلاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كۈندۈز ئۇغرىسىنى ئون چاقىرىملارچە قوغلاپ بىرىپ ئىشتىنىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، سۆزلەپ بىرەتتى. بۇ ئىشلا تەسەۋۋۇرۇمدا سىرلىق چوڭ بىر دىراممىنىڭ ئۇنتۇلماس سەھنىلىرىدەك كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى، ياكى ئانام ماڭا ئوقۇپ بېرىدىغان داڭلىق يازغۇچىنىڭ ماھىرلىق بىلەن توقۇغان سەرگۈزەشتىلەر قىسسىسىدەك تۇيۇلاتتى.

دۈشەنبە كۈنلىرىدىن بىرى ئەتىگەندە مەن ئادەتتىكىدەك مايماق ھاممامنىڭ ھىكايىلىرىنى زوق بىلەن ئاڭلىدىم، كىين خىزمەتكارىمىز بىلەن نۇئارپېررىنىڭ يېرىنىڭ يېنىدىكى ئاللىي ياڭاقزارلىقىغا باردۇق، ئۇ يەردىن قايتىپ مايماق ھاممامنىڭ يېنىغا كىرىش ئۈچۈن كىرخانىغا چىقتىم، ئىشىكنى ئىچىپ ياماقچى كەمپىرنىڭ غۇلىچىنى كەڭ يېيىپ بىر قولىدا يىپ -  يىڭنە، يەنە بىر قولىدا مىنىڭ كۆينىگىمنى تۇتقىنىچە شىرە ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقىنىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ كۆك پايپاق كىيىگەن بىر پۇتى (مىنىڭچە ساق پۇتى بولسا كېرەك) شىرەنىڭ ئاستىدا، كۆزئەينىكى تام تۈۋىدە يالتىراپ تۇراتتى، مەن قانداقتۇر قورقۇنۇش ھىس قىلىپ ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىراپ تاشقىرىغا ئىتىلدىم، بىر دەمدە ھەممەيلەن يۈگۈرۈپ كىلىشتى، بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن مايماق ھاممانىڭ بۇ ئالەمدىن كۆز يۇمغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۈدەك قەلبىمنى چىرماپ ئالغان چوڭقۇر ھەم دەھشەتلىك قايغۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىلىغىچە بىرەر توغرا سۆز ئويلاپ تاپالمىدى. مەن ئاجىز قەدەملىرىم بىلەن پەلەمپەيدىن ئۆيگە چۈشۈپ قاراڭغۇ بۇلۇڭدىكى چوڭ كونا كىرسلوغا ئۆزۈنى تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدىم، ئۇ يەردە خىلى ئۇزاق يىغلىغان بولسام كېرەك، ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەنلىكىنىمۇ سەزمەپتىمەن، توساتتىن ئۆيگە كىملەردۇر پەنەر كۆتۈرۈپ كېرىشتى، ئۇلار مېنى كۆرمىگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشقان ئاۋازىدىن ئاتا – ئانام بىلەن دوختۇر ئىكەنلىگىنى بىلدىم، بۇ چاغدا دوختۇر ياماقچى موماينىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى چۈشەندۈرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھىچ نەرسىنى چۈشەنمەيتتىم، ئۇلار سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاتا- ئانام دوختۇرنى بىر قەدەھ ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى، ئۇ ئولتۇرىۋرالغاندىن كېيىن قايتىدىن مايماق ھاممام توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىدى، دوختۇر ئېيتىپ بەرگەن بۇ ھىكايە تاكى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە خاتىرەمدە ساقلىنىپ قالغان بولسا كېرەك، ھازىرمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بىرمۇ بىر تەكرارلاپ ئېيتىپ بىرەلەيتتىم.

"ھەي بىچچارە" دەپ گەپ باشلىدى دوختۇر: ئۇ مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەن ۋاختىمدىكى تۇنجى بىمارىم ئىدى، چۈنكى مەن بۇ يېزىغا ئىشقا كەلگەن كۈنى ئۇنىڭ پۇتى سۇنغان ئىدى، مەن ئۇ كۈنى دىلىجوندىن كىلىپ تېخى قوللۇرۇمنىمۇ يۇيۇشقا ئۈلگۈرمەستىن مېنى چاقىرىپ كىلىشتى، مەن بارغىنىمدا ئۇنىڭ پۇتى سۇنغان بولۇپ، تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى.

شۇ مەزگىللەردە ئۇ ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەنبىر مۇلايىم ساھىپجامال قىز ئىدى. بۇنىڭغا ھەتتا ھازىرمۇ ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ پۇتىنىڭ نىمە سەۋەپتىن سۇنغانلىقىغا كەلسەك، ئۇ بۇ سىرىنى مەندىن باشقا ھىچ كىمگە ئېيتقان ئەمەس، بىراق بۇ سىرنى مەندىن باشقا يەنە بىر كىشى بىلەتتى، لىكىن ئۇ ئاللىقاچان بۇ يەردىن كېتىپ قالغان، موماي ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ توكۇر بولۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي.

ئاشۇ چاغلاردا يېزىمىزغا ھەربىلەردەك قەددى قامىتى كىلىشكەن چىرايلىق بىر يىگىت ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەشكە كەلگەن ئىدى، يېزىمىزدىكى كۆپلىگەن قىزلار ئۇنى دەپ ئەقلى ھۇشلىرىنى يوقۇتىشقان بولسىمۇ يىگىت ئۇلارنىڭ بىرەرسىگىمۇ پىسەنت قىلمىغان ئىدى، مىنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى دائىم ئويغۇنۇپلا سول پۇتى بىلەن ئورنىدىن تۇرىدىغان يېزا ئوقۇتقۇچىسى گىرابيۇ تاغىنىڭ قاتتىق قوللۇقىدىن قورققانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئەنە شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە گىرابيۇ تاغا بۈگۈن سىلەرنىڭكىدە ئالەمدىن ئۆتكەن گۈزەل گورتتىنزىيەنى (كىيىنرەك مايماق دەپ لەقەم ئالغان قىزنى) تىككۈچىلىك ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بۇ گۈزەل قىزنىڭ مۇلازىملىقىدا بولىدۇ، بۇ قول يەتمەس يىگىتنىڭ نەزىرى شۇنچە قىزلار ئىچىدىن بۇنىڭغا چۈشىدۇ، قىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىت ئۇنى ئىشتىن بوشىغاندىن كىيىن مەكتەپ بالىخانىسىدا ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ، كەچقۇرۇن قىز ئۆيگە قايتتىم دەپ قويۇپ پەللەمپەيدىن پەسكە چۈشمەي ئەكسىچە بالىخانىغا چىقىدۇ، ۋە يىگىتنى كۈتۈپ ئوت چۆپ ۋە پاخاللار ئارىسىغا يوشۇرىنىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي يىگىتمۇ بالىخانىغا چىقىدۇ، ئۇلار ئۇچرىشىپ يىگىت ئەمدىلا ئۆز ھىسسىياتىنى ئىپادىلەۋاتقان پەيتتە بالىخانا ئىشىگى تۇيۇقسىز ئىچىلىپ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى پەيدا بولىدۇ ۋە

_بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز سىژىبېر،  دەيدۇ ئوقۇتقۇچى.

_پاخال ئۈستىدە يېتىپ ئازراق دەم ئالاي دېگەن گرابيۇ ئەپەندى، دەيدۇ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان ياش ئوقۇتقۇچى پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا.

بالىخانا ناھايىتى كەڭ ھەم قاراڭغۇ ئىدى.

_ بولۇڭ، يوشۇرۇنۇڭ! تىزراق يوشۇرۇنۇڭ، بولمىسا مېنى ئىشتىن ھەيدەيدۇ، دەيدۇ شىۋىرلاپ ياش ئوقۇتقۇچى. قورقۇپ كەتكىنىدىن قىزنى كەينىگىرەك تارتىپ.

_بۇ يەردە ئۆزۈڭ يالغۇزمۇ؟ دەپ سورىدى شىۋىرلاشنى سىزىپ قالغان ئوقۇتقۇچى.

_ ھەئە، يالغۇزمەن گىرابيۇ ئەپەندى.

_ ياق، يالغۇز ئەمەسسىز، كىم بىلەندۇر شىۋىرلاشقاندەك قىلدىڭىزغۇ.

_ گېپىم راست گىرابيۇ ئەپەندى، يالغۇز مەن.

_ بۇنى ھازىر بىلىمىز. دەپ ئىشەنمەسلىك بىلەن بالىخانا ئىشىكىنى سىرتىدىن قۇلۇپلاپ شام ئىلىپ كىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى پەسكە چۈشۈپ كەتتى.

شۇ ئەسنادا توخۇ يۈرەك يىگىت (بۇنداقلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ) پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقاتقان بولۇپ قىزغا:

_ ئۇنىڭ سىزنى بۇ يەردىن تاپالماسلىقى ئۈچۈن تىزرەك يوشۇرۇنۇڭ! پۈتۈنلەي قارىڭىزنى يوقۇتۇڭ، سىزنى دەپ بىر ئۆمۈر يەيدىغان نېنىمدىن ئايرىلىپ قالغىم يوق.

_ سىز ......، مېنى پەسلەشتۈرىۋاتامسىز؟

_ تىزراق يوقۇلۇڭ. دەپتۇ يىگىت پۈتۈنلەي تەرىنى تۈرۈپ.

شۇ ئەسنادا ئىشىكتىكى قۇلۇپقا ئاچقۇچ سىلىنىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپتۇ، بۇنىڭ بىلەن گورتىنزىيە كوچا تەرەپكە قارىغان دەرىزىنى تىزلىك بىلەن ئىچىپ ئۆزىنى تۆۋەنگە ئېتىپتۇ. بالىخانىغا كىرىپ كەلگەن گرابيۇ تاغا ياردەمچىسىدىن باشقا چىكىمنى كۆرمىگەچكە ھەيران بولغىنىچە چىقىپ كىتىپتۇ، ئارىدىن چارەك سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ھوزۇرۇمغا سىژىبىر يۈگۈرۈپ كىلىپ قىزنىڭ پۇتىنىڭ سۇنغانلىقىنى ماڭا ئېيتتى، مەن بارغىنىمدا بىچارە قىز ئىگىز بالىخانىدىن يىقىلىپ چۈشكەچكە پۇتى سۇنۇپ تام تۈۋىدە ئورنىدىن تۇرالماي ياتاتتى، يامغۇر تامچىلايتتى، شور پىشانە قىزنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كىلىپ ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئۈچ يېرىدىن سۇنۇپ سۆڭەك پارچىلىرىنىڭ گۆشىنى يېرىپ چىققانلىقى كۆردۈم، ئۇ پەقەتلا ۋايسىمايتتى، ھاياجانلانغىنىدىن ئۆزۈمنىڭ شورى......، ئۆزۈمنىڭ شورى ....... دەپ تەكرارالايتتى، مەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنى  چاقىرتىپ قىزغا رەھمىم كەلگەچكە ئۇنى ئاتلىرى ئېلىپ قاچقان پەيتۇن ئىشىگىمنىڭ ئالدىدا سوقۇۋىتىپتۇ دەپ يالغان ئېيتتىم، ئۇلار ماڭا ئىشەندى، ژاندارمىلار بىر ئايغىچە بەخىتسىز ھادىسىنىڭ سەۋەپچىسى بولغان پەيتۇننى ئىزدەپ يۇرۇشتى، بولغان گەپ شۇ، بۇ ئايال يۇقۇرى جاسارەت كۆرسىتەلەيدىغان قەھرىمان ئاياللار خىلىدىن ئىدى، بۇ ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدىكى دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى مۇھەببىتى ئىدى، ئۇ ئۆز پاكلىقى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، بۇ جاپاكەش ئايال خۇدانىڭ ئەڭ مۆمىن بەندىسى ۋە ئۆز ساداقىتىنىڭ بىگۇناھ قۇربانى بولدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز قايغۇرىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن، ئۇنداق بولمىغاندا ئۆمرۈمدە ھىچ بىر كىشىگە ئېيتمىغان بۇ سىرنى سىزگە ئېيتىپ بەرمىگەن بولاتتىم. دوختۇر گىپىنى تۈگەتتى، ئانام ئۈنسىز يىغلايتتى، داداممۇ بىرنىمىلەرنى دېگەندەك قىلدى، ئۇلار چىقىپ كېتىشتى، مەن يەنىلا كرىسلودا بۇلدۇقلاپ يىغلايتتىم، قۇلۇقىمغا پەللەمپەي تەرەپتىن ئېغىر قەدەم ۋە ھاسىراش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى، پەمىمچە مايماق ھاممامنىڭ جەسىدىنى ئىلىپ چۈشىۋاتاتتى.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!