ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بۇ يىل بىرىنچى پەسلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇل راسچوتى 13 مىليارد يۈەنگە يەتتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتى 13 مىليارد يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا ھالقىغان سودا خەلق پۇلى راسچوتى 12 مىليارد 217 مىليون يۈەنگە، خەلق پۇلى بىۋاستە سېلىنمىسى 667 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 8 چېگرا ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

    نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت كەسپىنىڭ تۈرلىرى تولۇق بولۇپ، چېگرا سىرتىنى قاپلىغان رايون كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، چېگرا ھالقىغان راسچوت يوللىرى كۈنسىرى راۋانلاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە 15 بانكا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت كەسپىنى بېجىرىش لاياقىتىنى ھازىرلىدى. چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنىڭ تۈرلىرى-- كرېدىت گۇۋاھنامىسى، ھاۋالە كىرىم، تېلېگراممىلىق پۇل پېرېۋوت قىلىش، كېپىللىك خېتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى 8 بانكا تەۋەلىك رايوندىكى سودا بانكىسىدا خەلق پۇلى كەسپداشلار مۇئامىلە مەبلىغى ھېساباتى تەسىس قىلدى، چېگرا سىرتىدىكى 12 ئاپارات چېگرا ئىچىدە خەلق پۇلى راسچوت ھېساباتى تەسس قىلدى. چېگرا سىرتىدىكى مۇلازىمەت رايونى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، موڭغۇلىيە، شياڭگاڭ، گرۇزىيە، ئاۋسترالىيە، پاكىستان، ئىران، ئەنگىلىيە قاتارلىق 11 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى. 2011- يىلى شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت مىقدارى بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئىمپورت- ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %5 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!