ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

شىنجاڭ قەشقەر يەكەن تۇنجى نۆۋەتلىك بادام دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇردۇن ئابدۇسەمەت خەۋىرى ، فوتوسى : تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يەكەن بادام دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى 2–،3–ماي كۈنلىرى ‹‹مۇقام يۇرتى›› — يەكەندە ئۆتكۈزۈلدى.

   يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئالىي تەتقىقاتچى ئابدۇرازىق سايىم ، ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى ›› ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ، دوكتور ، ئاسپىرانت يېتەكچىسى ، تەتقىقاتچى ئابدۇكېرىم راخمان ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچى ، ژۇرنالىستلار، يەكەن ناھىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن بولۇپ 250 نەپەر كىشى قاتناشتى .

     يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلدى . 

  بۇ قېتىمقى بادام دوپپا مۇھاكىمە يىغىنىدا ، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ، تەرەققىياتى ۋە بۇنىڭدىن كېىنكى يۈزلىنىشى توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى . شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ، دوكتور ھەسەنجان ئابلىز مۇنداق دېدى : يەكەن بادام دوپپىسى — ئۇيغۇرلارنىڭ يەكەندىن ئىبارەت مۇشۇ گۆھەر زېمىندا ئىجاد قىلىنغان  باش كىيىمى بولۇپ ، خەلقىمىز شىپالىق مېۋە — بادامنىڭ تەسۋىرىنى مەشۇت يىپ ئارقىلىق رەختكە كەشتىلەپ ، سەنئەتلىك باش كىيىمىگە كىرگۈزگەن ۋە ‹‹بادام دوپپا›› دەپ ئاتىغان . يەكەن ناھىيەسىنىڭ بۇ ئېسىل باش كىيىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپە ھېسابلىنىدۇ . بۇ كىشىلەرگە بادام دوپپا مەدەنىيىتىنى ئىجتىمائىي بايلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى .

     يىغىن ئارىلىقىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يەكەن ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقى، مۇقامشۇناس، شائىرە خانىش ئاماننىساخاننىڭ مەقبەرىسى ، يەكەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك كوچىسى ۋە بادام دوپپا تىكىش كەسپىي ئائىلىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى .

    يەكەن ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش ، يىغىش، رەتلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، بىر قاتار ئىجابىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى . دۇنياغا داڭلىق ئۇيغۇر 12 مۇقامىدىن ئىبارەت مەدەنىيەت مىراسىغا تىخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئۇنى تارقىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن،  2008–يىلى 22 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ، يەكەن ‹‹مۇقام مەيدانى›› ، ‹‹ يەكەن مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى ›› قۇردى . يەكەن ناھىيەسى يەنە ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر 12 مۇقام سەنئىتى›› نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ‹‹ ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى›› قاتارىغا، ‹‹ كاچۇڭ سەنىمى ›› نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا ۋە ئۇيغۇر دورىگەرلىكى ، ئىشقول بورىچىلىقى قاتارلىق مەدەنىيەت تۈرلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشىگە ئاكتىپ كۈچ چىقارغاندىن باشقا ، بۇ يىل يەكەن بادام دوپپىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ ، ۋىلايەتنىڭ تۈر تۇرغۇزۇشىغا يوللىدى .

   

       



خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!