ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قاراشەھەر ناھىيەسىدە117دېھقان ئىشلەمچىنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان920مىڭ يۈەن ئىش ھەققى نەقلەشتۈرۈلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئابلىز يۇنۇس خەۋىرى : قاراشەھەر ناھىيەسى بۇ يىل دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كېڭەش يىغىنى تۈزۈمى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تارقىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك ئىشلىرى بويىچە يىللىق تەكشۈرۈش، ئەمگەك توختامى تۈزۈش، كارخانىلاردىكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئەمگەك توختامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، ئەمگەك كاپالىتى تەپتىشلىكى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

    قاراشەھەر ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كادىرلار، ئەمگەك، قۇرۇلۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ناھىيەدىكى قۇرۇلۇش سوممىسىنى نېسى قالدۇرۇش ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، تۆت قۇرۇلۇش كارخانىسى قەرز بولۇپ قالغان ئىش ھەققى كاپالەت سوممىسىدىن 700 مىڭ يۈەننى يىغىۋالدى؛ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلوسىدىن ئۈچنى قوبۇل قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، 117 دېھقان ئىشلەمچىنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان 920 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى نەقلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!