مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى : خېجىڭ ناھىيەسى ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى›› قۇرۇپ، ئارامگاھى يۇلتۇز دەرىجىگە ئېرىشكەن ئائىلىلەرگە تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇشىغا مەدەت بەردى.
خېجىڭ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ئۇلار 2009 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى›› قۇرغان دېھقان – چارۋىچى ئائىلىلىرىگە تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى يۇلتۇز دەرىجىگە ئېرىشكەن بىر قىسىم ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى›› ئائىلىلىرى ناھىيەنىڭ تولۇقلىما ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان. بۇلتۇردىن بۇيان، ناھىيە بويىچە ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقان – چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى›› ئائىلىسى 28 گە يەتكەن، يېقىندا بۇ ئائىلىلەرگە ئېرىشكەن يۇلتۇز سانىغا ئاساسەن 5000 يۈەن، 10 مىڭ يۈەن ۋە 20 مىڭ يۈەندىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلگەن.