ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ساقلاش ساندۇقى ئىجارە ئالدىڭىزمۇ؟

2011-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     ئەخمەت نىياز

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە خۇسۇسىي بايلىقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن – كۈمۈش، ئۈنچە – مەرۋايىت ۋە ئامانەت پۇل چېكى قاتارلىق قىممەتكە ئىگە نەرسىلىرىنى بانكىنىڭ ساقلاش ساندۇقىدا ساقلايدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ. ھازىر بانكىنىڭ ساقلاش ساندۇقى كەسپى ئائىلە روزغارچىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان جەلپكار كەسىپكە ئايلاندى.

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىي ئۆستەڭ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىبادەتخان بۇلتۇر 10 – ئايدا جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدىن ساقلاش ساندۇقى ئىجارە ئالغانىدى. يېقىندا مەن ئۇنى بۇ بانكىنىڭ ساقلاش ساندۇقى كەسپىي بۆلۈمىدە ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ بۇ قېتىم يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆيىنىڭ مۈلۈك كىنىشكىسىنى ساقلاش ساندۇقىغا سالغىلى كەلگەنىكەن. ئۇ ماڭا: يېقىندا يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئېلىپ تۇغقان يوقلاشقا بارماقچى ئىدىم، ئۆي كىنىشكىسى، ئامانەت پۇل چېكى، سۇغۇرتا كىنىشكىسى، دىپلوم، ئۇنۋان ھەم دائىم ئىشلەتمەيدىغان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىمنى بانكىنىڭ ساقلاش ساندۇقىغا ئامانەت قويۇپ قويدۇم، بۇنداق قىلغاندا كۈتۈلمىگەن ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئارتۇقچە غەم – ئەندىشىدىن خالىي بولىدىكەنمەن، دېدى.

    ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق بانكىلار ساقلاش ساندۇقى كەسپىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇنداق ساندۇقلارنىڭ ئىجارىگە بېرىلىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولۇۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ساقلاش ساندۇقى خەزىنىسىدە 10 مىڭغا يېقىن خۇسۇسىي ساقلاش ساندۇقى بار بولۇپ، ئىجارىگە بېرىلىش نىسبىتى %78.3كە يەتكەن.

    بانكىنىڭ ساقلاش ساندۇقىنى ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى بانكا ساقلاش ساندۇقىنى مۇئامىلىدارلارغا ئىجارىگە بېرىپ تۇرىدىغان، مۇئامىلىدارلار ئالتۇن – كۈمۈش، ئۈنچە – مەرۋايىت قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار، ئاكسىيە، ھۆججەت – ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ساقلايدىغان بىر تۈرلۈك ئۆزگىچە مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كەسىپنى بېجىرىش رەسمىيىتى ئاددىي بولۇپ، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە شەخسلەر ئۆزىنىڭ كىملىكىگە ئاساسەن ساقلاش ساندۇقى ئىجارە ئېلىشنى بېجىرەلەيدۇ. كارخانا، ئىدارە – ئورۇنلار ئۇنى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى ئىدارىنىڭ ھاۋالەنامىسىگە ئاساسەن بېجىرىدۇ. ساقلاش ساندۇقىنى ئىجارە ئېلىش كەسپىنى بېجىرىشتە ئىجارە ئالغۇچى بانكىغا ئۆزىنىڭ بارماق ئىزى ياكى شىفىرىنى ئەنگە ئالدۇرىدۇ ھەم ئىجارە ھەققى ۋە كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ، ئىجارە ئېلىش توختامى ئىمزالانغاندىن كېيىن، بانكا ئىجارە ئالغۇچىغا ساقلاش ساندۇقىنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىدۇ. بانكىنىڭ نورمال تىجارەت ۋاقتىدا ئىجارە ئالغۇچى بارماق ئىزى ۋە شىفىرى بىلەن ئۆز سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق ساندۇقنى ئاچالايدۇ.

    جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى پەرىدەئاي تۇرسۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بانكىسىنىڭ ساقلاش ساندۇقىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بەش خىل، ئىجارە مۇددىتى بىر كۈن، بىر ئاي، ئۈچ ئاي، يېرىم يىل، بىر يىل، ئىككى يىل ۋە ئۈچ يىلدىن ئىبارەت يەتتە خىل بولۇپ، مۇئامىلىدارلار ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۈنلۈك، ئايلىق ياكى يىللىق ئىجارە ئالسا بولىدۇ. ئەڭ كىچىك ساندۇقنىڭ بىر كۈنلۈك، بىر ئايلىق، ئۈچ ئايلىق، ئالتە ئايلىق، بىر يىللىق، ئىككى يىللىق ۋە ئۈچ يىللىقنىڭ ئىجارە ھەققى ئايرىم – ئايرىم بەش يۈەن، 25يۈەن، 50يۈەن، 80يۈەن، 150يۈەن، 200يۈەن ۋە 300 يۈەن؛ ئەڭ چوڭ ساندۇقنىڭ بىر كۈنلۈك، بىر ئايلىق، ئۈچ ئايلىق، ئالتە ئايلىق، بىر يىللىق، ئىككى يىللىق ۋە ئۈچ يىللىقنىڭ ئىجارە ھەققى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 25يۈەن، 90يۈەن، 180يۈەن، 280يۈەن، 550يۈەن، 900يۈەن ۋە 1300 يۈەن. ساقلاش ساندۇقىنى ئىجارىگە ئېلىش مۇددىتى قانچە ئۇزاق بولسا، ئىجارە ھەققى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.

    (ئاپتور: جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسىدىن)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!