چىكىدىن ئاشقان دە تالاش ئائىلە ئىناقلىقىنى بۇزىدۇ
ئىز تورى بەك ياخشى
بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بار بولۇپ، ئېرى ئانچە باياشات بولمىغان ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا ، تۇرمۇشتا بىر قەدەر ئىقدىسادچىل ئىكەن . خوتۇنى بولسا بىر قەدەر باياشات ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا ، تۇرمۇشتا ھەشەمەتخور ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن دائىم ئىقدىسادى جەھەتتىكى خىراجەت تۈپەيلىدىن جىدەللىشىپ قالىدىكەن ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ مۇھاببىتى مۇشۇ سەۋەپلىك بۇزۇلۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارقا كۆرىنىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن قىممەت قارىشى ، ئىستىمال قارىشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ يەردە كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتالىقىغا ھەددىدىن زىيادە ئىسىلىۋىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش، يول قويۇشنى ئۈگۈنىۋىلىش كىرەك. ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇشۇنداق مەسىللەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغاندا ؛<< مەن سىزنىڭ قارىشىڭىزنى چۈشىنىمەن، بىراق مىنىڭ باشقىچە قارىشىم بار...>> دەپ، ئېغىر- بىسىقلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش كىرەك. ئىز تورى بەك ياخشى
يۇقىرقى بىر نەچچە پىرىنسىپ ئائىلىنىڭ مۇقۇملىقى ۋە ئىناقلىقىغا پايدىلىق ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ، پەقەت سىز ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ ، توختىماي پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ئۆز ئارا يول قويسىڭىز <<ئائىلە>> ئائىلىگە ئوخشاش، ئىللىق ۋە ئازادە بولىدۇ.
مەنبە؛<<مۇكەممەل ئەرلەردىن بولۇڭ>> ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى. www.iz.la