ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىدىن يوشۇرۇنچە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلىرى ئىز تورى www.iz.la
كۈن بويى يېنىڭىزدا يۈرۈۋاتقان ئېرىڭىزنىڭ سىزدىن يوشۇرۇن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى قانداق ئىشلارنى قىلغۇسى بارلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن . ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر سېلىڭ ، بەلكىم بۇلار ئارقىلىق ئېرىڭىزنىڭ يوشۇرۇن دۇنياسىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنەلىشىڭىز مۇمكىن . copyright by www.iz.la
ئايالىدىن يوشۇرۇن پۇل ساقلاش
بۇ خىل ئەھۋال ئىقتىسادنى ئايال باشقۇرىدىغان ئائىلىدە كۆپرەك بولىدۇ . بۇنداق ئائىلىلەردىكى ئەرلەر ئۆزى جاپا تارتىپ تېپىۋاتقان پۇلنى خاتىرجەم خەجلىيەلمەيۋاتلىقى سەۋەبلىك يوشۇرۇن پۇل ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ .
ئايالىدىن يوشۇرۇنچە باشقا قىزلارغا ئۇچۇر يوللاش
نۇرغۇن ئەرلەر ئوچۇق –ئاشكارە ھالدا باشقا قىزلار بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈشتىن قورقىدۇ ، شۇڭا يانفون ۋە تور ئارقىلىق باشقا قىزلار بىلەن مۇڭدىشىپ ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدۇ .
ئىشقىۋازلىق
كۆپلىگەن ئەرلەر جورىسى تۇرۇپمۇ باشقىلارنىڭ جورىسىغا كۆز تاشلايدۇ .
ئاغا–ئىنىلىرى بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ كېلىش مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئەرلەر بەزىدە دوست–بۇرادەرلىرى ، ئاغا–ئىنىلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ، كۆڭۈل ئېچىپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، چۈنكى تۇرمۇش ، خىزمەت بېسىمى ئۇلارنى بارغانسېرى چارچىتىپ قويىدۇ .
تاماكا چېكىش
ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆينى تاماكا ئىسى بىلەن تولدۇرۇۋېتىشىنى خالىمايدۇ ۋە ئېرىنىڭ تاماكا چەككىنىنى كۆرسىلا كۆتۇلدايدۇ . بۇ چاغدا ئەرلەر ئامالسىز تاماكىسىنى كۈلدانغا تاشلايدۇ ، لېكىن بالكونغا چىقىپلا يەنە بىرنى تۇتاشتۇرىدۇ .
باشقا ئاياللارنى يوشۇرۇنچە كۆزىتىش
بۇ خىل ھالەت كۆپ قىسىم ئەرلەردە بولىدۇ . بەلكىم ئۇلار يېنىدىكى ئايالىنى قاچانلا بولسا بار، دەپ ئويلايدىغان بولسا كېرەك ، باشقا ئاياللارنى يوشۇرۇنچە كۆزىتىشكە ئامراق .
ئايالى ئەتكەن ئوخشىمىغان تاماقنى چاندۇرماي تۆكۈۋېتىش
ئەرلەر ئايالى ئەتكەن تاماقنى ئوخشىماپتۇ ، دېيىشتىن قورقىدۇ ، چۈنكى بۇنداق دېسە ئايالىنىڭ رەنجىپ قېلىشى ، ئىككىنچىلەپ ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بەرمەسلىكى تۇرغانلا گەپ ، شۇڭا ئايالىدىن يوشۇرۇنچە مۇۋاپىق پۇرسەت تاپسىلا تاماقنى تۆكۈۋېتىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يات جىنىستىكى دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىش
بۇ ئەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتسىزلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەسلىكى مۇمكىن ، چۈنكى ئەرلەر ئايالىدىن باشقا بىر ئايالنىڭ سىرداش دوست قاتارىدا ئۆز دەردىگە دەرمان بولۇشنى ئىستەيدۇ .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مىسرانىمدىن
‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور