مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇڭگو خەلقئارا لىنىيىسى خەۋىرى: ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنگى بىلەن زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانى 30-مارت ھىندىستاننىڭ موھالى شەھىرىدە دۇنيا پالاق توپ لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىنى بىرلىكتە كۆردى ھەمدە بىرەسىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى پەندىنپەي ھەل قىلىپ، نۆۋەتتىكى تىنچلىق سۆزلىشىش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، سىنگى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى «نورماللاشتۇرۇش» ئەڭ ئاخىرقى نىشان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار كاتىپى يىغىندىن كېيىن ئاخباراتلار سىنگى بىلەن گىلانىنىڭ يىغىندا ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى قايتا جەزىملەشتۈردى، تېرورىزم زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى دېگەن. بىرلا ۋاقىتتا، ھىندىستان ئىككى دۆلەت باش مىنىستېرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ياخشى كەيپىيات پەيدا قىلدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرى سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ ئۆز ئارا زىيارەت قىلىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئادەتتىكى ئاممىنىڭ كۈندۈلۈك ئالاقە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە ئالاقىنى كۈچەيتىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن. بىرلا ۋاقىتتا، گىلانى سىنگىنى پاكىستانغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان. مۇسابىقىدا ھىندىستان پاكىستاننى مەغلۇپ قىلغان