تۆت خىل كۆكتاتنى دائىميەپ بېرىڭ
|
- بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
|
ئىز تورى www.iz.la
|
غولپىياز : غولپىياز قاننىڭئايلىنىشىنى تېزلىتىپ ، خولىستىرىنىڭ قان تومۇر دىۋارىداچۆكۈپ يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ ، قان نوكچىسى شەكىللنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . غولپىيازنى دائىم يەپ بەرگەندە ، ھەزىم قىلىش يولى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ، ھەزىمقىلىشنى ياخشىلاپ ، ئىشتھانى ئاچقىلى بولىدۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
زەنجىۋىل : زەنجىۋىلنىڭ تەبئىتى مۆتىدىل ، تەمى ئاچچىق بولۇپ ، سوغۇقنى ھەيدەش ، يۆتەل توختىتىش ، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىقرولى بار .سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالايدۇ. زەنجىۋىل قاننى جانلاندۇرۇپ ، توسالغۇلارنىئاچىدۇ . ھەيىزنى نورمالاشتۇرۇپ ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ . قىزىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن كۈندە ئىككى ، ئۈچ قېتىم (ئالتە قېتىمئەتىراپىدا)ئېغىزنى چايقىسا ، چاي ئورنىدا ئىچسە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ، چىشئەتراپى ياللۇغىنى داۋالايدۇ . رېماتىزىم كېسىلى بارلار زەنجىۋىلنى قۇرۇتۇپ ، يانجىپتالقان قىلىپ ، ھەر قېتىمدا يىرىم قوشۇقنى ھاراققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ، كېسلى ياخشىلىنىدۇ .
سامساق : سامساقنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈپ ، ئىششىق قايتۇرىدۇ ، زەھەر قايتۇرۇش ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار . سامساقنىپاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن يانچىپ ، ئازراق سۇ قوشۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرگەندىنكېيىن چىش مىلىكىگە چاپلاپ بەرسە ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ ، دېزىنفىكسىيلەش ، چىشمىلىكىنى ئاسىراش ، چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ شۇنداقلاچىشنىڭ قايتىدىن ئۆسۈپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .