ئائىلىنىڭ تىنىچلىقى پەرزەنتنىڭ بەختى!

ۋاقتى:2011-03-08 21:49مەنبە: يوللىغۇچى:ئەزىزجان چېكىلىشى:قىتىم
   ئائىلىنىڭ تىنىچلىقى پەرزەنتنىڭ بەختى!

قەيسەر بىر دىھقان بالىسى. ئۇنىڭ ئائىلىسى گەرچە ئىنتايىن نامرات بولسىمۇ بىراق مېھىر مۇھەببەتنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەنلىكتىن تۇرمۇشى تولىمۇ كۆڭۈللۈڭ ئۆتەتتى . ئۇ مانا مۇشۇنداق بەخىتلىك ئۆتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كۆز تەگدى تەككەنىىمۇ ئائىلىنىڭ ئەجەللىك يېرى بولغان ،مېھىر-مۇھەببەتنىڭ بۆشىكى بولغان ئانىسىغا تەگدى. ئەنە شۇ ئانىسى زۆرەگۈل نىمە سەۋەب بولدى ئۇنىڭغىمۇ ،دادىسىغىمۇ نامەلۇم ھالدا ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى. ئەزەلدىن دادىسىنىڭ تاپقىنىغا گۈل كەلتۈرىدىغان ئانىسى ھازىر گۈل ئەمەس كۈلدەك سوروپ ھەر دىسىلا كىيىمنىڭ غەلۋىسىنى قىلىدىغان بولۇپ قالدى. دادىسى كېرەم بوپتىلا دەپ چىدىدى دىگىنىنى ئېلىپمۇ بەردى بىراق زۆرەگۈل ھەدىدىن ئېشىشقا باشلىدى. ئۆيدە پەقەت 1000سوم پۇللا قالغان كۈنى زۆرەگۈلنىڭ يەنە شۇ ياسىنىش كېسىلى قوزغالدى. ئۇ يەنە كېرەم بىلەن جىدەللىشىشكە باشلىدى. كېۋەز بۇ پۇلنى كېۋەز ئۇرۇقىنى سېتىۋىلىشقا قويۇپ قۇيغانلىقىنى ئېيتىپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ بىراق ئۇ ئاغزىدا ھە دەپ قويغىنى بىلەن كۆڭلىدە ھە دېمىگەن ئىدى. كېرەم ئۇنىڭ جىممىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئېتىزغا سۇ باشلىغىنى چىقىپ كەتتى.ئۇ سۇ باشلاپ بولۇپ يېنىپ كىرگەندىن كېيىن كىرگەندە زۆرەگۈلمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيغاندەك بولۇپ چاماداننى ئېچىپ قارىدى ،ئۇنىڭ قۇمۇمىسى تۈرۈلدى، پىشانىسىن تەر ماڭلىيىدىن سىرغىپ چۈشتى پۇل ئورنى بوش ئىدى. ئۇ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قەيسەرنىڭ يېنىغا بېرىپ پىشانىسىنى سىيلىدى. كۆزىنى قەيسەرگە قارىغاندا مېھرىبانلىق تۈكۈلسە، چامادانغا قارىغاندا غەزەپلىنىپ كېتەتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


-ھا....ھا...
بۇ كۈلكە بىلەن زۆرەگۈل چاشقاننى تۇتىۋلغان مۇشۇكتەك سىرتتىن توزدەك ياسىنىپ، نايناقشىپ كىرىپ كەلدى. بۇ ھال كېرەمنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋەتتى :
-پۇل قېنى دەيمەن؟!!
=نېمىگە ھۆكىرەيسەن؟ ئېلىپ بەر دىسەم ئۇنىمىغاندىكىن ئۆزۈم ئالدىم شۇ...پۇل مەندىنمۇ مۇھىمما؟!مانا ئاشقان پۇل...
دەپ چالۋالقىنىچە 50سومنى ئۈستەلگە چۆرۈپ بەردى. ‹‹چاڭ...›› قىلغان ئاۋاز بىلەن زۆرەگۈلنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇرۇلدى ۋە كەينىدىنلا ئۇ ئامراق كېيىم- كىچەكلىرى ئالدىغا ئېتىلىشقا باشلىدى ۋە غوغلاپ چىقىرىلدى . ئۇ ھۇشىنى يىغقاندا قارىغۇدەك بولسا ھيلىدا ئولتۇراتتى قۇلاق تۈۋىدە مۇنۇ سۆزلەر ياڭرىدى: ئىز تورى www.iz.la
-بۇ ئۆيدىن چىق، سەندەك خوتۇن بولغىنى بۇ ئۆينىڭ دەۋزاخ بولغىنى، سەن بىلەن ئۆي تۇتقاندىن تۇتمىغىنىم ياخشى...
زۆرەگۈل يىغلىدى، يالۋۇردى ئۇ ھەقىقەتەن خاتالىقىنى تۇنۇغان ئىدى بىراق كىچىككەن ئىدى.قەيسەر قارا باسقاندەك چىقىراپ كەتتى بىراق ئۇ رىئاللىقتىكى قارا باسقان ئىدى.ئۇ:
-ئۇرۇشماڭلار...بولدى..
دىگىنىچە يىغلايتتى ئۇ ئاجىزغىنە سەبىي ئۇنىڭدىن باشقا نېمىمۇ دىيەلىسۇن؟ئۆيدە پەقەت كېرەم ۋە قەيسەرلا قالدى. قاباھەتلىك سۈكۈت ياڭرايتتى.كېرەم ئاچچىقى يېنىپ نېمىنىدۇ ئېسىگە ئېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ قالدى ۋە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئالدىدا زۆرەگۈ؛ يوق بەلكى ئۇقالدۇرغان خەت تۇراتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
‹‹كېرەم مەن پەقەت سىزگە كەچۈرۈڭلا دىيەلەيمەن. مەن رەتىنلا نادانلىق قىپتىمەن بىراق مەن ئىشىك ئالدىدا بىر كېچە تۇرۇپ ئويلىنىپ ئۆزۈامنى تۇنۇغان چېغىمدا كېچىكەنلىكىمنى ھىس قىلدى.قەيسەرگە ئوبدان قاراڭ.سىزگە ۋە قەيسەرگە، تەستە قۇرۇلغان بۇ ئائىلىمىزگە يۈز كىلەلەمەيمەن ...
ئامان بولۇڭ! ئاللاغا ئامانەت!››.كېرەم كۈن ساقلىدى، ئاي ساقلىدى، يىل ساقلىدى بىراك زۆرەگۈل قايتىپ كەلمىدى.ئىزدىدى يەنىلا يوق.ۋاقىتلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ كېتىۋەردى. بۇ چاغدا سەبىي قەيسەر چوڭ بولۇپ تۇلۇقسىزغا چىققان ئىدى. قەيسەرنىڭ كېرەمدىن:
-ئاپام قانداق ئايالتى؟ ئاپام ماڭا ئامراقمىتى ؟

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


سورالغان سۇئاللىرى ئۇنىڭ قۇرۇق باسقان يۈزلىرىگە تېخىمۇ غەمكىن باستۇرۇپ ياش سېرغىپ چۈشەتتى . ئۇ ئىزدىمىدى ئىزدىدى بىراق تاپالمىدى ئەمدى ھارغان ئىدى. قەيسەر ئانىسى دوستلىرىغا ھەۋەس قىلاتتى.مەيۈسلىنەتتى. بىراق ئۇ يەنىلا غەيرەتكە كېلىپ ئاپىسىنى ئىزدەپ تېپىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭايتاتتى. ئۇ تىرىشىپ ئوقىدى.ئۇ ئاخىرى يۇقۇرى مۇئاش بىلەن بىر شىركەتكە ئورۇنلاشتى. ئۆزى ئۈچۈن جاپا تارتقان دادىسىنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ ياخشى بېقىشقا باشلىدى. بىراق ئۇ ئانىسىنى ئىزدەشتىن توختاپ قالمىغان ئىدى. ھەي ئۇنىڭ بۇ تۇرمۇشىنى ئاپىسى كۆرگەن بولغان بولسا قانچە خۇش بولار ئىدى-ھە! ئۇ ھاياتلا بولغان بولسىلا....

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇ ئاخىرى تور ۋە تېلىۋۇزۇرلارغا ئېلەن بېرىپ ئىزدەشنى باشلىدى. ئانچە مۇنچە ئۇچۇرلارغىمۇ ئىگە بولدى. ئۇ خۇش بولۇپ ‹‹زۆرەگۈل›› ئىسىملىك ئايالنىڭ يىنىغا بارسا ئەمەس بولۇپ چىققاتتى، سۈرەتلىك ئېلاندىن كېيىن ئۇ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشتى بىراق ئۇ شۇمۇ ئەمەسمۇ بىلگىلى بولمايتتى چۈنكى ئۇ سۈرەت 20يىلنىڭ ئالدىدىكى سۈرەت ئىدى. بەلكىم ئوخشايدىغان بېرىرىدۇر، نىمە بولسا بېرىپ باقاي دىگەن نىيەت بىلەن ئۇ تۇلىمۇ يىراق يەرگە جايلاشقان يېزىغا قاراپ يول ئالدى. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇ ئايال بار بولغان ئۆينى تاپتى.
-داڭ..داڭ..
ئىشىكنىڭ بۇ خخل رىتىملىق ئۇرۇشى بىلەن ئۆيدىن چاچلىرىغا بالدۇرلا قار قاپلىغان، يۈزلىرىنى قۇرۇق باسقان ئايال ئىشىكنى ئاچتى.بۇ كونا ھويلىدا تاۋۇز ۋە قوغۇنلار تۇراتتى قاراشتىنلا باقمىچىلىق قىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-سىز....؟
قەيسەر دەرھال ئېسىگە كەلدى. بۇنچە سىنچىلاپ قارىغانلىقتىن ئۆزى ئوڭايسىزلىنىپ قالدى بولغاي ، ئۆزىنى تۈزىۋالغاندىن كېيىن:
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم! سېلى...؟ زۆرەگۈل ھەدە بولاملا؟
ئايال ھەئە دېگەن مەنە بىلەن قەيسەرگە تىكىدى.يۈرەك سوقۇلدى. باغرىنى يېرىپ چىققان بالىنى كۆز تۇنۇمىغان بىلەن يۈرەك تۇنۇيدىدە، بىراق ئايال خاتالىشىپ قالماي دەپ ئويلىدى. قەيسەرنىڭمۇ يۈرىكى سوقتى نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ تىلى ئانا دىيىشقىلا ئىنتىلاتتى. بىراق ئۇ يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن:
-سېلى،بۇ سەرنىڭ غەربىدىكى ....
گېپىنىڭ ئاخىرى چىقماستىنلا ‹‹بالام...››دىگەن ئاۋاز بىلان ئۇ ئايال قەسەرنى باغرىغا ئالدى. ئۇ ئاخرى تاپتى ...ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ئۇنى باغرىدىن يېرىپ تۇغقان ئانىسىدە.... ئىز تورى بەك ياخشى
=ئانا جېنىم ئانا مەن ۋە دادام سىزنى قانچىلىك سېغىندۇق ھە؟! ئەجىبا سىزنىڭ باغرىڭىز شۇنچە تاشمۇ؟ داداممۇ سىزنى كەچەرمىگىدەك شۇنچە ئەسكىمىدى ھە...
تەبىئەتمۇ چىدىمىغاندەك يامغۇر يېغىشقا باشلىغان ئىدى.
ئازادە ياسالغان ئۆيدە دادا،ئانا ۋە بالا بولغان ئۈچ كىشلىك بىر ئائىلىدە كۈلكە ياڭرىدى.تەبىئەت مەمنۇنىيەت بىلەن ئىىلىق نۇرىنى دېرىزىدىن ئۇلارغا چاچاتتى بىراق ئۇلارنىڭ قەلىبلىرىدىكى مېھىر مۇھەببەت نۇرىنى باسالمايتى.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(26)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەقىللىق ئاياللارلا ئېرىنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى بىلىدۇ

    1-قېتىملىق ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇسىزگە بىر قاپ شاكىلات سوۋغا قىلىپ ،تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن سۈيگۈسىنى قەلبى بىلەن ئىپادىلىدى ،سىز ئۇنىڭ سۈيگۇگە تولغان قەلبىنى ئۇياتلىق كۈزلىرىڭىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز؛ 2-قېتىملىق ئاشىق-...

  • ئىزىلگەن يۇرەك

    ئىزىلگەن يۈرەك شۇ تاپ قەلبىم مۇزلاپ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسىگە ئىشەنمەس بولدى. چۈنكى ساپ سۆيگۈم سىنىڭ ئەشۇ بىپەرۋا ھالىڭ بىلەن بەربات بولدى . سىنى شۇنچە سۇيەتتىم سەن ئۈچۈن ھەتتا ھەممە ئىشقا ھەم رازى ئىدىم لىكىن سەن مىنى ،مىنىڭ پاك قەلبىمنى داغلاپ يۈرەۈمنى ئوت...

  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...

  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...

  • ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

    ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا ،بۆرەك ئاستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىشى كۈچۈيىپ ،نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامىرىكا يۈرەك كېسەلىكى مۇتەخەسىسى دوختۇر ۋېيج...

  • سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق گىرمانىيىدە چىقىدىغان ئىلىم -پەن ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپ ئادەم بەدىنى قىزغىن ھىسياتلىق سۆيۈشۈش سىگىنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن چوڭ مىڭدىكى بەخى...

  • مۇﻫەبىىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن

    ﻫېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈرگەن قىزىم يەنى ﻫازىرقى ئايالىم مەندىن: سىز مىنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز ياكى باشقا ئەرلەردەك تويدىن كېيىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالارسىزمۇ؟! دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ...

  • تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چېپىلۋالمىسۇن ....!

    ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ...

  • ئاياللارنىڭ نازاكىتى

    ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تا...