ۋىسالغا يىتەلمىگەن مۇھەببەت

ۋاقتى:2011-03-07 14:45مەنبە: يوللىغۇچى:ئەزىزجان چېكىلىشى:قىتىم
  

ۋىسالغا يىتەلمىگەن مۇھەببەت بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!



 
ھەقىقى مۇھەببەت ۋاپادارلىقتىن باشلىنىدۇ ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھەقىقى مۇھەببەتتە ۋاپادارلىق ، غورۇر ، ۋىجدان، ۋە بىر- بىرىگە بولغان ئىشەنچ بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقى مۇھەببەت ھىساپلىنىدۇ .....
ئەگەر بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر سى كەم بولسا بۇ ھەقىقى مۇھەببەت بولماستىن تورداشلار دىگەندەك بۇ بىر ئالدامچىلىق ، ساختىلىق ، ۋە بىر خىيالى چۈشتىن ئىبارەت خالاس ...
تۆۋەندە مەن تورداشلارغا بىر ھىكايە بايان قىلماقچىمەن :
مەن بولسام بىر قول تېلىفۇن رىمۇنىتچىسى : ئىز تورى www.iz.la
مەن بىر كۈنى ئەتتىگەن دۇكانغا چىقىپ دۇكاننى پاكىز تازىلاپ بۇلۇپ ، كومپىيوتىرنى قوزغىتىپ تورداشلارنىڭ يىڭىدىن يوللىغان تىمىلىرىنى كۈرۈپ ئولتۇراتتىم ، دۇكانغا بىر قىز كىرىپ كەلدى ، ۋە سومكىسىدىن بىر تېلىفۇننى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىڭ قارشى تەرەپكە بارمايدىغان بۇلۇپ قالغانلىقىنى ، مىنىڭ ياساپ بىرىشىمنى ئۆزىنىڭ بولسا چۈشتىن كىيىن كىلىپ ئېلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كىتىپ قالدى .
قىززىق يىرى شۇكى : بۇ قىز ئەكەلگەن تېلىفۇننىىڭ تىپى، رەڭگى ، ماركىسى ،ئىشقىلىقپ ھەممە يىرى مىنىڭ بۇرۇندىن  تارتىپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تېلىفۇنۇم بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى ، مەن ئۇ تېلىفۇننىڭ ئىچىنى ئېچىپ مىكروفۇننى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ يېنىدىكى تېلىفۇنغا تېلىفۇن قىلىپ ئاۋازىنى سىناپ نورمال قىلىپ بولغاندىن كىيىن مىنىڭ تېلىفۇنۇم بىلەن بىر يەرگە قۇيۇپ - قۇيۇپ يەنە تورغا مەشغۇل بولدۇم . چۈشكە يېقىن تېلىفۇنۇم سايراپ كەتتى قارىسام ئانام  ،چۈشتىن كىيىن چوڭ ئاچامنىڭكىگە بارىدىغانلىقىمىزنى ،مىنى ماشىنىنى ھەيدەپ بىللە بېرىشىمنى ئېيتىپ تېلىفۇن قىپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن تېلىفۇننى قۇيۇپ چۈشلۈك تاماقنى يەپ بۇلۇپ دۇكانغا كىلىپ تۇرۇشۇمغا ھېلىقى قىز تېلىفۇننى ئالغىلى كەپتۇ ،
مەن يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ تېلىفۇنىغا تېلىفۇن قىلىپ ئاۋازىنى سىناپ بىرىپ ئۇنىڭغا تېلىفۇنىنى بەردىم ، ئۇ قىزمۇ تېلىفۇنىنى ئېلىپلا ناھايىتى ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى .
مەنمۇ ئانامنىڭ تاپشۇرقى بىلەن دۇكاننى تاقاپ چوڭ ئاچامنىڭ ئۈيىگە ماڭدۇق ، يولدا كىتىۋاتىمەن ، كىتىۋاتىمەن ، نۇرغۇن يوللارنى كەينىمدە قالدۇرۇپ ،نۇرغۇن خىياللار ئىچىدە كىتىۋاتىمەن ، شۇ خىياللار ئىچىدە كىتىۋاتسام  تۇيۇقسىز تېلىفۇنۇمنىڭ سايرىغان ئاۋازى خىياللىرىمنى بۇزۇپ تاشلىدى ، مەن تېلىفۇننى ئالدىم قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، مەن يەنە خىيالغا چۆكتۈم ماڭا قىزلاردىن تېلىفۇن كەلمايتتى بۇ قىز كىمدۇ ؟

ئىز تورى بەك ياخشى


دىگەن خىياللار بىلەن ۋە ئەلەيكۇم - ئەسسالام دىدىم ، سىز ئادىلمۇ ؟ مەن ھەئە مەن شۇ دىدىم  سىز  كىم بۇلىسىز  دەپ سورىدىم مەن ، ئۇقىز مەن ئەتتىگەن سىز گە تېلىفۇنۇمنى رىمۇنۇت قىلدۇرغان قىز بۇلىمەن دىدى ، مەن ئۇ قىزنى تۇنىغاندىن كىيىن مەن دە بىرە ئىشىڭىز بارمىدى؟دەپ سورىدىم .
ئۇ قىز ماڭا ئىككىمىزنىڭ تېلىفۇنىمىزنىڭ ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى ، تېلىفۇنىنى ئالغىلى كەلسە دۇكان ئىتىك ، شۇنىڭ بىلەن دۇكان قوشنامدىن تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى ، ئىسمىمنى سۇراپ تېلىفۇن قىلغانلىقىنى ھازىر مىنىڭ دۇكىنىمنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى دىگەندىلا ئاندىن مەنمۇ تېلىفۇنۇمنىڭ راسلا ئۇ قىزنىڭ تېلىفۇنى بىلەن ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم .بۇرۇن تۇلا تېلىفۇن كىلىپ بېشىمنى ئاغىرتىدىغان تېلىفۇندىن بۈگۈن  نىمىشقا سادا چىقمايدىكىن دىسەم ، ئەسلى ئىش مۇنداقكەن ئەمەسمۇ ... ئىز تورى www.iz.la
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ قىزغا ئۆزۈمنىڭ يىراق تەرگە ماڭغانلىقىمنى بۇگۇن دۇكانغا بارالمايدىغانلىقىمنى ،خاپا بولماي ئەتە كىلىپ تېلىفۇنىنى ئېلىپ كىتىشىنى دەپ خوشلاشتىم .
كەچتە بەك كەچ كەلدىم ، بەك چارچاپ كەتكەندىنمۇ ئۇيقۇم كىلىپلا تۇراتتى ، ئۆزۈمنىڭ ياتاق ئۆيگە كىرىپلا ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم ، بىردەم ياتقاندىن كىيىن  تېلىفۇننى قۇلۇمغا ئالدىمدە تېلىفۇندىكى ناخشىلارنى ئاڭلاپ ياتتىم .
ئۇ تېلىفۇندىكى ناخشىلارنىڭ ھەممىسى مەن ئامراق ، يەنە كىلىپ يۈرەكنى ئىزىدىغان ناخشىلار ئىكەن .
مەن بىر دوستۇمغا ئۇچۇر يوللىماقچى بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم ، بىردەمدىن كىيىن دوستۇمدىن ئۇچۇر كەلدى .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


مەن شۇ كەلگەن ئۇچۇرلارنى كۆرەۋېتىپ تېلىفۇندىكى ئۇ قىزغا كەلگەن بۇرۇنقى ئۇچۇرلارغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى .
كۆرمەسلىككە شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ يەنىلا مىنىڭ نەپسىم غالىپ كەلدى بولغاي يەنە تېلىفۇننى قايتا قۇلۇمغا ئالدىم ۋە بۇ قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتتۈم : <  كەچۈرۈڭ مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ، مەن باشقا بىر قىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم ، ئەمدى مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ  >  بۇ قۇرلاردىكى خەتلەرنى ئۇقۇپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئۇچۇرلارنى كۆردۈم ، ھەممىنى چۈشەندىم ، ئۇقىزنىڭ يىگىتى تەرىپىدىن تاشلىنىپ پاك مۇھەببىتىگە ھاقارەت قىلىپ  ئۇ قىزنىڭ غۇبارسىز قەلبىگە چوڭقۇر جاراھەت قالدۇرۇپ باشقا بىر قىزنىڭ كەينىدىن كەتكەنلىكىنى شۇڭا بۇ قىزنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ئېغىر ئازاپ چىقىپ تۇرغانلىقىنى ، مۇھەببەتتىن ئېغىر زەربە يىگەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم كۆڭلۈمدە ئۇقىزغا ھېسداشلىق قىلدىم،ئۇنىڭ يىگىتىنى بولسا ئىچىمدە مىڭنى تىللايتتىم ، مانا مۇشۇنداق بەزىبىر ئەخلەت ئۇغۇللارنىڭ دەستىدىن كۆڭلى ياخشى چىن مۇھەببەتنى جېنىدىنمۇ ئەلا بىلىدىغان ئۇغۇللار قىزلارنىڭ نەزىرىدە بىر ئالدامچى بۇلۇپ قالدى خالاس..
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

شۇ خىياللار بىلەن قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن كۆزۈم ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتتىگەنلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ يەنە دۇكانغا ماڭدىم ، دۇكاننى تازىلاپ بۇلۇپ كومپىيوتىرىمنىڭ ئالغىغا كىلىپ يەنە مەشخۇلاتىمنى داۋاملاشتۇردۇم .
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ھېلىقى قىز كىرىپ كەلدى ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىدى ئۇ مەن ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم ،ئۇ قىز ئارقىدىنلا مەن تېلىفۇنۇمغا كەلگەنتىم دىدى، مەن ئۇنىڭغا بەك سەت ئىش بولدى
مەنمۇ ئۇخمايلا سىز گە ئۆزۈمنىڭ تېلىفۇنۇمنى بىرىپ قۇيۇپتىمەن دەپ كەچۈرۈپ سورىدىم . ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇ - ھېچقىسى يوق بۇنچىلىك ئىشلار دىگەن بوپ تۇرىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەن ئەمەسمۇ ، ئەمسە مەن ماڭاي دەپلا ماڭماقچى بۇلىۋىدى ، مەن ھەي........ئۇقىز ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭا قارىغان ۋاقتىدا مەن جىددىلىشىپ دەيدىغان گىپىمنى تاپالماي قالدىم ، ئارقىدىنلا < ئىسمىڭىزنىمە ؟ > دىگەن سۆزنى ئېغىزىمدىن ئارانلا چىقىرالىدىم .
ئۇ بىردەم تۇرىۋېتىپ  < ئاينۇر > قانداق يەنە بىرە ئىشىڭىز بارمىدى ؟ دەپ سورىدى ،
ياقەي باشقا ئىشقۇ يوق ، بولدىلا  دەپ خوشلاشتۇق .
ئەسلى مەن بايام ئۇ قىزدىم ئۇنىڭ تېلىفۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز كۈرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈپ سورىماقچى ئىدىم لېكىن گەپ قىلالمىدىم ، قانداق مەن بەك قورقۇنچاقمىكەنمەن . www.iz.la
كەچتە ئۆيگە بېرىپ كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم ، مەن بۇەۇن بىر كۈن دۇكاندا ئىشلەپ بەك چارچىغان بولساممۇ يەنە ئۇقىزغا تېلىفۇن قىلىپ تېلىفۇندا بولسىمۇ كەچۈرۈپ سۇراش نىيىتىگە كەلدىم- دە ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم .
ۋەي ئاينۇرمۇ سىز ؟ ھە ئە مەن شۇ سىز ...... مەن ئادىل ھېلىقى تېلىفۇن... گەپنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغۇچە ئۇ ھە تۇنىدىم مەندە بىرە ئىشىڭىز بارمىدى دەپ سورىدى .
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ تېلىفۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ قالغانلىقىمنى مىنى كەچۈرشىنى ھەمدە مىنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى ھېسداشلىق قىلغانلىقىمنى يەنە ئىككىمىزنىڭ كەچۈرمىشىنىڭمۇ ئوخشىشىپ كىتىدىغانلىقىنى  ئەگەر خالىسا ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى سىرداش دوسلاردىن بولغۇم بارلىقى دىدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇ قىز بىردەم تۇرغاندىن كىيىن قاتتىق بىر ئۇھسىندى ، ئۇنىڭ بۇنداق ئۇھسىنىشلىرىدىن ئۇنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتنىڭ مەن ئويلىغاندىكىدىنمۇ خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىنى بىلگەندەك بولدۇم ،
ئۇ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئاخىرى ئېغىز ئاچتى،ۋە مۇنداق دىدى : بولدى ھېچقىسى يوق سىز كۆرگەن بۇ ئۇچۇردىكى ئىشلار ئاللىبۇرۇن بىر چۈشكە يەنە  كىلىپ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق بىر چۈشكە ئايلانغان . ئەمدى ئۆتكەن كۈنلەرنى قايتا ئەسلىگۈم يوق دىدى .
مەنمۇ ئۇ قىزغا بىر ئاز تەسەللى بەرگەندىن كىيىن  ئەگەر ۋاقتى بولسا ئەتە بىرگە تاماق يىيىشنى ئېيتتىم .
ئۇ قىز بىر ئېغىزمۇ تىنمىدى .... شۇنىڭ بىلەن مەن ئەمسە خالىمىسىڭىز سىزنى بەك زورلاپ تۇرۋالماي ، مىنىڭ باشقىچە نىيىتىم يوق ، پەقەت سىز بىلەن ئادەتتىكى يرقىن سىرداش دوسلاردىن بولغۇم بار ، ئەگەر ئەتە ۋاقتىڭىز چىقسا تېلىفۇن قىلارسىز دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم . ئىز تورى www.iz.la
ئەتىسى بىر كۈن مەن ئۇنىڭ تېلىفۇنىنى ساقلىدىم ، لېكىن ئۇنىڭ تېلىفۇنىدىن پەقەتلا سادا يوق ئىدى .
ئارىدا بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن مەن دۇكاندا ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتسام تېلىفۇنۇم سايرىدى ، قارىسام ئاينۇر كەن
مەن خۇشال بۇلۇپ تېلىفۇننى ئالدىم < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم > دىدىم مەن ۋە ئە لەيكۇم ئەسسالام قانداق ئەھۋالىڭىز دىدى ئۇ ، مەن يامان ئەمەس خۇداغا شۈكرى دىدىم ،ۋاختىڭىز  بولسا بىللە  تاماق يەيلىمىكىن دىگەنتىم ۋاختىڭىز بارمۇ دىدى ، مەن ۋاختىم بار ئەمسە پالانى ئاشخانىدا كۈرىشەيلى دەپ خوشلاشتىم .
مەن تېلىفۇننىۇ قۇيۇپلا ھەمما ئىشلىرىمنى تاشلاپ بىز دىيىشىپ قويغان ئاشخنىغا چاپتىم ،

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


ئۇ مەندىن بۇرۇن كىلىپ  بوپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىز سالاملىشىپ بۇلۇپ تاماق يىگەچ پاراڭلاشتۇق .
ئۇ مەن بىلەن دوس بۇلۇشقا قۇشۇلىدىغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ مۇھەببەتتىن ئېغىر زەربە يىگەنلىكىنى شۇ سەۋەپلىك داۋاملىق كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان سەبى چىرايى ئاستا - ئاستا بىر مىسكىن ،غەمكىن چىرايغا ئۆزگەرگەنلىكىنى  ، ھەم بارلىق ئۇغۇللار ئۇنىڭ كۆزىگە بىر ئالدامچى ، ساختىپەز ، ئىشەنچىسىز ، ۋاپاسىز ، ۋىجدانسىز كۈرىنىدىغان بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ يەنە بىر قاتتى ئۇھسىندى .
مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن ، بارلىق ئۇغۇللارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسە بولمايدىغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ داۋاملىق روھلۇق يۈرىشىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


شۇنداق پاراڭلىشىپ تاماقنى قانداق ۋاقىتتا يەپ بولغانلىقىمىزنىمۇ سەزمەي قاپتىمىز .
شۇ بىر قېتىملىق ئۇچۇرشىشتىن كىيىن بىزنىڭ ئالاقىمىز بارغانسىرى قۇيۇقلاشتى ، تېلىفۇنلىرىمىز ئۈزۈلمىدى ، كۈرۈشىشلىرىمىزمۇ توختاپ قالمىدى  ، بىزنىڭ ھەر قىتىمقى ئۇچۇرشىشىمىز بىزگە نۇرغۇن ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى . مانا بۇ ئۇچۇرشۇشلار ، كۈرۈشۈشلەر بىزنى تەدرىجى  دوسلۇق قاينىمىدىن مۇھەببەت قاينىمىغا سۆرەپ كىردى .
بىزنىڭ كۈنلىرىمىز نەقەدەر خۇشال ئۆتمەكتە ئىدى ھە .....ئارىدا بىز يەنە 2 يىلدىن كىيىن توي قىلىشقا پۈتۈشتۇق .
مەن مۇشۇنى تەبىرىكلەپ ئۇنىڭغا بىر ئۈزۈك سوۋغا قىلدىم ، مانا بۇ بىز تۇنۇشقىلى دەل 5 ئاي بولغان ۋاقىت ئىدى . www.iz.la
بىز تۇنۇشقان بۇ 5 ئاي ۋاقىت تۇلىمۇ  قىسقا بولسىمۇ لېكىن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتى، بىر بىرىمىزنى بىر كۈن  كۆرمىسەك چىدىمايتتۇق .
بىر كۈنى مەن دۇكاننى تاقاپ بۇلۇپ ئاينۇرغا تېلىفۇن قىلپ بىرگە تاماق يىيىشنى ئېيتتىم ، ئۇمۇ تېخى  تاماق يىمىگەن ئىكەن ،شۇنىڭ بىلەن بىز داۋاملىق بىللە تاماق يەيدىغان ئاشخانىدا ئۇچۇرشىدىغان بۇلۇپ خوشلاشتۇق .
بىز شۇنداق قىزغىن پاراڭلار بىلەن تاماقنى شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يەپ بۇلۇپ مەن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ماڭدىم ، يولدا تاكسى تۇسايلى دىسەم ئۇ  قەتئى ئۇنىمىدى ، سىز بىلەن كۆپرەك بىللە مېڭىۋالاي دەپ تۇرۋالدى ، مەنمۇ ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ پىيادە ماڭدۇق.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ ، كۈلكە چاخچاقلار بىلەن كىتىپ باراتتۇق ، تۇيۇقسىز ئالدىمىزغا ئىككى نۇرلۇق چىراق چىقىپ شۇنداق تىز سۈرئەتتە كىلىۋاتاتتى .مەن ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن ، ئاينۇر بولسا ئادىل تىز قېچىڭ دەپ مىنى ئىتتىرۋەتتى ......... گۈپ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەتىراپقا ئادەملەر يىغىلدى .....
ئاينۇر ...... مەن بار كۈچۈم بىلەن ۋاقىردىم ... يۈگۈرۈپ ئاينۇرنىڭ يېنىغا كەلدىم .ئۇنىڭدىن چىققان قاننىڭ كۆپلىكىدىن چىرايىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى .ئەتىراپنى قان قاپلىدى  ئۇنىڭ يۈزىنى يۈزۈمگە قايتا-قايتىلاپ سۈركەيتتىم ، ئۇنىڭ ماڭا كۆزىنى ئېچىپ ماڭا كۈلۈپ قاراشلىرىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم ........ئەپسۇس  ......... مىڭ ئەپسۇس .....
www.iz.la

ئۇ بۇ دۇنيا بىلەن شۇنداقلا مەن بىلەن مەڭگۈلۈك كىتىپ قالدى .بىزنىڭ بۇ شىرىن مۇھەببەت سەرگۈزەشتىمىز بولسا قان ۋە ياش بىلەن ئاخىرلاشتى .
دۇنيانىڭ ئىشلىرى بەزىدە ئادەمگە باقمايدىكەن ، تەقدىر ھەقىقەتەن رەھىمسىزكەن ، ئۇ مەن بىلەن  مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ كىتىپ قالغان  بولسىمۇ   ئۇنىڭ روھى مەڭگۈ ماڭا ھەمراھ ................
 
مەنبە : ئۆز قەلىمىم  ( تەشنا )
ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(91)
89.2%
ئالقىشلايمەن
(11)
10.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەقىللىق ئاياللارلا ئېرىنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى بىلىدۇ

    1-قېتىملىق ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇسىزگە بىر قاپ شاكىلات سوۋغا قىلىپ ،تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن سۈيگۈسىنى قەلبى بىلەن ئىپادىلىدى ،سىز ئۇنىڭ سۈيگۇگە تولغان قەلبىنى ئۇياتلىق كۈزلىرىڭىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز؛ 2-قېتىملىق ئاشىق-...

  • ئىزىلگەن يۇرەك

    ئىزىلگەن يۈرەك شۇ تاپ قەلبىم مۇزلاپ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسىگە ئىشەنمەس بولدى. چۈنكى ساپ سۆيگۈم سىنىڭ ئەشۇ بىپەرۋا ھالىڭ بىلەن بەربات بولدى . سىنى شۇنچە سۇيەتتىم سەن ئۈچۈن ھەتتا ھەممە ئىشقا ھەم رازى ئىدىم لىكىن سەن مىنى ،مىنىڭ پاك قەلبىمنى داغلاپ يۈرەۈمنى ئوت...

  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...

  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...

  • ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

    ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا ،بۆرەك ئاستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىشى كۈچۈيىپ ،نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامىرىكا يۈرەك كېسەلىكى مۇتەخەسىسى دوختۇر ۋېيج...

  • سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق گىرمانىيىدە چىقىدىغان ئىلىم -پەن ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپ ئادەم بەدىنى قىزغىن ھىسياتلىق سۆيۈشۈش سىگىنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن چوڭ مىڭدىكى بەخى...

  • مۇﻫەبىىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن

    ﻫېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈرگەن قىزىم يەنى ﻫازىرقى ئايالىم مەندىن: سىز مىنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز ياكى باشقا ئەرلەردەك تويدىن كېيىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالارسىزمۇ؟! دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ...

  • تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چېپىلۋالمىسۇن ....!

    ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ...

  • ئاياللارنىڭ نازاكىتى

    ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تا...