ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئانسىنىڭ ؛ ھاۋا ئۆزگىرىدىغاندەك قىلىدۇ ، قېلىنراق كىينىڭ ، زۇكام بولۇپ قالماڭ ! دەپ تاپىلىغىنىنى ئاڭلاپ تۇرشى مۇمكىن . ھەقىقەتەن ،ھاۋارايىنىڭ ئادەمگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور . تومۇز ئىسسىقتا جىسمانى ئەمگەك قىلىغاندا بەدىنىمىزدە زور مىقداردا ئىسسىقلىق ھاسىل بولىدۇ . بۇ ئىسسىقلىق تەر ئارقىلىق تارقىتىۋېتىلشكە ئۈلگۈرمىگەندە ، ئادەمنىڭ بەدەن تېنمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ، نەپەس ئېلىشى ، تومۇر سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ ، ھەتتا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ ؛ ھاۋا تۇتۇلۇپ ، يامغۇر ياغىدىغان ، تېمپىرا تۇرا تۆۋەنلەيدىغان چاغدا بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ يەرلىك ئورنى ئاغرىپ بىئارام بولىدۇ ، يەرلىك ئورۇن خۇددى 《 مېتررىئولوگىيە ئىسستانسىسى》 دەك ھاۋارايى ئۆزگىرىشىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدۇ ؛ قەھرىتان سوغۇق قىش پەسلىدە ، گلاۋكوما كېسلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆز كېسىلى قوزغىلىدۇ ، بۇ ، ھاۋا تېمپۇراتۇرسىنىڭ كۈندىلىك ئۆزگىرىشى چوڭ بولۇپ ، كۆز بېسىمىنىڭ ئۆزگۈرشىنى چوڭايتىۋەتكەنلىكتىن كېلىپ چېقىدۇ . كىلىمات فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن باشقا ، يەنە روھىي كېسەللىكلەرنىمۇ قوزغايدۇ. يامغۇر پەسلىدە تۇمانلىق كۈن كۆپ بولۇپ ، كىشلەردە كىشىلەردە ئاسانلا كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش ۋە چۈشكۈنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ . ناچار ھاۋارايى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش قاتارلىق ھادىسلەرنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ ؛ شوپۇرلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، قاتناش ھادىسلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئالىملار كېسەللىك بىلەن كىلىماتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىغاندىن كېيىن كىلىمات كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەرنى بىر قەدەر تومتاق ھالدا ھاۋا رايى تىپلىق ۋە پەسىل تىپلىق دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان . ئىز تورى بەك ياخشى