نىلقا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە چىڭ تۇتقانلىقتىن ، 2010–يىلى ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان تايانچ كارخانىلار 6970 دېھقاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىتېۋىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ ، ئۇلارنىڭ 47مىليون 800مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبۇروت يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بۇ ناھىيە 2010-يىلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان تايانچ كارخانىلارنى تەشكىللەپ ، شاڭخەي، بىيجىڭ ، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى سودا يەرمەنكىلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، بەش خىل تۈردىكى 22يېشىل ،ئورگانىك يېمەكلىكنى تونۇشتۇرۇپ سېتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى . ھازىر ناھىيەنىڭ قارا ھەرە ھەسىلى، كىراخمال، قۇرۇت، قېزا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى 28چوڭ ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى تاللا بازارلاردا سېتىلىپلا قالماستىن روسىيە ، ياپونىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىندى . ئىگىلىنىشىچە ، ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ياراتقان تىجارەت خاراكتېرلىق كىرىم 48مىليون 670مىڭ يۈەنگە ، دۆلەتكە تاپشۇرغان باج 2مىليون 380مىڭ يۈەنگە ، كارخانىلاردا ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرگە تارقاتقان ئىش ھەققى 2مىليون 260مىڭ يۈەنگە يەتتى .