ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قانداق قىلغاندا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سىياسەت دەرسىگە قىزىقتۇرغىلى بولىدۇ؟

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

قەلبىنۇر تۇرسۇن

    سىياسەت دەرسى ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ماركسىزم نەزەرىيەسىدىن ئومۇمىي ساۋات بېرىدىغان دەرسلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئىلمى دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى ۋە ياخشى ئىدىيە – ئەخلاق قارىشىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ساپا مائارىپى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەكتەپلەر سىياسەت دەرسى ئوقۇتۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، قىسمەن مەكتەپلەردە مەخسۇس سىياسەت دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسەت دەرسىگە بولغان قىزىقىشى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىدى. مېنىڭچە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سىياسەت دەرسىگە تېخىمۇ قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن:

    1 . كىتابتىكى بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلۈك ھالدا يەتكۈزۈشنى جانلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۆزگەرتىش كېرەك. سىياسەت دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سىياسەت دەرسىنى دەرسخانىدا ئۆلۈك ھالدا ئوقۇپ ئۆتۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى چۈشىنىش – چۈشەنمەسلىكى بىلەن كارى بولماسلىقى، دەرسنى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈنلا ئۆتۈشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسەت دەرسىگە قىزىقمايدىغان بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەشكە قىزىقىدىغان مەزگىلى بولغاچقا، ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىتابتىكى مەزمۇنلارنىلا سۆزلەپلا ئۆتۈپ قويۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسەت دەرسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسەت دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار ئەركىن پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان كەيپىيات پەيدا قىلىپ، كىتابتىكىنى ئوقۇپلا قويماي، دەرسنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق جانلىق چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

    2 . سىياسەت دەرسىدە تىلغا ئېلىنغان مىساللار ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكى كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاش ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت دەرسلىكىدە تىلغا ئېلىنغان مىسال كۆپ، لېكىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن يىراقراق. شۇڭا، ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سىياسەت دەرسىدە مىسال كەلتۈرگەندە ئامال بار ئوقۇغۇچىلار قىزىقىدىغان، تۇرمۇشقا يېقىن مىساللارنى ئېلىپ چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

    3 . ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سىياسەت دەرسلىكىدە، ئاساسلىقى، ئۆتۈلگەن دەرسلىكنى قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل قوللىنىلغاندا، ئوقۇغۇچىلار نوقۇل ھالدا نەزەرىيەنى ئۆگىنىشنى نۇقتا قىلىۋالغاچقا، ئوقۇغۇچىلاردا پاسسىپ ئۆگىنىش ھالىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىياسەت دەرسىنى ئۆگىنىش جەريانى ماركسىزم ئىدىيەسى ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىش جەريانى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىيەتنى، كىشىلىك ھاياتنى چۈشەندۈرۈش جەريانى بولۇپ، بۇ ئىككى جەريان زىچ بىرلەشكەندىلا، ئوقۇغۇچىلار ئاندىن بىلىم، ئىقتىدار ۋە ئىدىيە – ئەخلاق جەھەتتىن ئورتاق تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئاكتىپ، ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ھەم يېتەكلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە، بەزى دەرسلەردە ئاددىي مىساللاردىنلا دەرسلىكنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەندە بۇ نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

(ئاپتور: يېڭىسار ناھىيە يېڭىيەر ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!