ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام پىسخىك ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشتىكى رولى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 نۇرسىمانگۈل مەمەتروزى

    ساغلام پىسخىك ساپا ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن ساپا قۇرۇلمىسىنىڭ يادروسى بولۇپ، باشقا تەرەپلەردىكى ساپانىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى ‹‹پىسخىك نورمالسىزلىق ۋە توسالغۇ 21 – ئەسىردىكى ئەڭ خەۋپلىك كېسەل››، دەپ قارايدۇ.

    ھازىرقى ساپا مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى پىسخىكىلىق مەسىلە كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى مەملىكەت بويىچە پىسخىك كېسەل سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چېكىنىدىغان ئوقۇغۇچى ئوقۇشتىن چېكىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %54.4ىنى ئىگىلىمەكتە. بۇ مەسىلە جەمئىيەت ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى كۈتمەكتە.

    ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ساغلام پىسخىك ساپا يېتىلدۈرۈشنىڭ نىشانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەت بىلەن توغرا ئىجتىمائىي ھەرىكەت ئادىتى، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت بولۇپ، سىنىپ مۇدىرى بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتە، ئۇلارنىڭ تەربىيەچىسى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ياخشى دوستى ۋە ئۇستازى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەر قايسى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاقە باغلايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇشى، شۇنداقلا، ھەر خىل ياش باسقۇچىدىكى ۋە ھەر خىل مىجەز – خاراكتېردىكى بالىلار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستانە، سەمىمىي، باراۋەر ۋە دېموكراتىك ئاساستا ئەھۋاللىشالايدىغان، ئوقۇغۇچىلارمۇ سىنىپ مۇدىرىغا ئاتا – ئانىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندەك ھېسسىيات جەھەتتە ئورتاقلىشايدىغان بولۇشى كېرەك.

    ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتى، ئىدىيەسى، ھەۋىسى، مىجەز – خۇلقى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتى قاتارلىق ئامىللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىك جەھەتتىن مۇناسىپ يېتەكلىشى كېرەك.

    سىنىپ مۇدىرى ئاتا – ئانىلار يىغىنى ۋە ئاتا – ئانىلار مەكتىپىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ئاتا – ئانىلارغا پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلىتىشى كېرەك.

    سىنىپ مۇدىرى سىنىپ يىغىنى، ئىتتىپاق ئەزالىرى پائالىيىتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت، ئەمگەك ھەم دالا پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى بىر – بىرىگە ياردەم بېرىدىغان، كوللېكتىپنى، ئەمگەكنى، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان ياخشى پىسخىك پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى، ئۇنىڭدىن باشقا، باراۋەر ئاساستىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا پىسخىك ساغلاملىق تەربىيە ئامىللىرىنى ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىك ساغلاملىق چۈشەنچىسىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي بىلىش، ئەخلاقىي ھېسسىيات، ئەخلاقىي ئىرادە ۋە ئەخلاقىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

(ئاپتور: تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!