غالىپ تۇرسۇن خەۋىرى : بۈگۈر ناھىيەسى ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلاردىن يىغىلىدىغان باجنىڭ خەزىنىلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقتىن، بۇلتۇر بۇ كارخانىلاردىن تور ئارقىلىق يىغىۋېلىنغان باج 100 مىليون يۈەنگە يەتتى.
بۇ ناھىيە ئومۇمىي پايدىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، مالىيە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلاردىن يىغىلغان باج كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى خامچوت پىلانىغا كىرگۈزدى. بۇ كارخانىلاردىن يىغىلىدىغان باجنىڭ تولۇق يىغىۋېلىنىشى ئۈچۈن، مۇكاپاتلاش، جازالاش تۈزۈمىنى ئورناتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ناھىيەنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلاردىن تور ئارقىلىق يىغىلىپ خەزىنىلەشتۈرۈلگەن باج 100 مىليون 790 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن %42 ئاشتى.