ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قاراشەھەر بازارلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئەزالار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     ئامىنە ھەمدۇل خەۋىرى : قاراشەھەر بازارلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇيۇشما ئەزالىرىنى ‹‹ئىتتىپاقلىشىش، ياردەم بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش›› ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلارنى يېتەكلەپ، قاراشەھەر بازىرىنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈردى.

    ‹‹شېڭسېن›› ياغاچچىلىق چەكلىك شىركىتى ئىلگىرى توك ئىشلىتىشتە سودا توكى ئىشلىتىش ئۆلچىمى بويىچە ھەق تاپشۇراتتى. شىركەت بازارلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئۇيۇشما دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كېڭىشىپ، سانائەتتە توك ئىشلىتىش ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، شىركەتكە 15 مىڭ يۈەن پۇل تېجەپ بەردى. سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى يەنە ئەزالارنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتى. كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلغاندىن باشقا، يەنە جەمئىيەتتىكى نامرات ئاھالىلەردىن ھال سوراپ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. خۇبېي ئۆلكىسىدىن قاراشەھەر بازىرىغا كېلىپ سودا قىلىۋاتقان پېڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ئېلان باسمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، بىزنىڭ كارخانىمىزمۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولۇپ كىردى، بازارلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ بىز كارخانىچىلارغا كۆپ ياردىمى تېگىدۇ، قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

     ئۇقۇشىمچە، قاراشەھەر بازارلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، تەكشۈرۈش، ئەھۋال ئىگىلەش جەدۋىلىدىن 7500 پارچە تارقىتىپ، ئەزالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىپتۇ. تىككۈچىلىك، ساتىراچلىق، شوپۇرلۇق كەسىپلىرى بويىچە 3430 ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق تەربىيەلەپتۇ، بازاردىكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان 68 كىشى ئۈچۈن، 11 مىليون 20 مىڭ يۈەن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئېلىپ بېرىپتۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!