ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

خېنەن ئۆلكىسى باركۆل ناھىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تۈرلىرىگە 66 مىليون يۈەن ياردەم قىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    يۇنۇس سادىق خەۋىرى : باركۆل ناھىيە بازىرىدىكى ئادالىينىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولغانىدى. ئۇ يېقىندا، ناھىيەلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ قولىدىن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزدەك تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىنى ئويلىغان پارتىيە، ھۆكۈمەتكە رەھمەت.

    باركۆل ناھىيەسى 2010 – يىلى 80 يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سېلىشنى پىلانلىغاندا خېنەن ئۆلكىسى بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە 8 مىليون يۈەن ياردەم قىلغانىدى. بۇ ئۆيلەر 10 – ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەكشۈرۈپ، ئادالىيغا ئوخشاش تۆۋەن كىرىملىك ياكى ئۆي قىيىنچىلىقى ئېغىر 80 ئائىلىگە تەقسىملەپ بەردى.

    خېنەن ئۆلكىسىنىڭ بۇلتۇر باركۆل ناھىيەسىنىڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، ‹‹خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى››، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ۋاڭخەي سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرگە بەرگەن ياردەم پۇلى 66 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    كۆل ياقىسى يېزىسى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا بۇلتۇر بىرىنچى قاراردا 350 يۈرۈش ‹‹خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى›› سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ كۆلىمى 80 كىۋادرات مېتىر قىلىپ لايىھەلەندى. ناھىيە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا ئۆزلىرىمۇ مەبلەغ ئاجرىتىپ، ھەر بىر ئائىلىگە يانداش ھىم قوتان سالدۇرۇپ، سىلوس ئورىكى كولىتىپ، سۇ، توك بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەر بىر ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىگە سالغان مەبلىغى 40 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

    ۋاڭخەي سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا 92 مىليون 850 مىڭ يۈەن مەبلەغ كېتەتتى. خېنەن ئۆلكىسى بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە 30 مىليون يۈەن ياردەم بەردى. بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ پىلاندىكى سىغىمچانلىقى 6 مىليون 250 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، سۇ ئامبىرى پۈتسە، ناھىيەنىڭ 3 مىليون مو ئوت – چۆپ بازىسىنى سۇغىرىش، سانائەت كارخانىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇ كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!