نېلۇپەر قاسىم، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەھمەد نىياز خەۋىرى : بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى كارخانا تور بانكىسىنىڭ مۇئامىلىدارلىرى 5749 غا يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 4811 ى كۆپەيدى، كارخانا تور بانكىسىنىڭ سودا سوممىسى 110 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %68 ئاشتى.
بۇلتۇر جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى كارخانا تور بانكىسى مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىش ۋە ماركېتىڭ سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، ‹‹ئىشنى ياخشى باشلاش›› قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى قانات يايدۇرۇپ ھەم باش بانكا تەشكىللىگەن ‹‹توردا بىر مۇئامىلىدار بىلەن ئۇچرىشىش›› كارخانا تور بانكىسى ھېساباتى ئېچىش مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانا تور بانكىسى مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا تور بانكىسى مۇئامىلىدارلىرىنى كۆپەيتىپ، كارخانا تور بانكىسى مۇلازىمىتى مەشغۇلات تەرتىپى جەھەتتە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوبدان ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ھالقىما تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشكە پۇختا ئاساس سالدى.