مېھرىگۈل تۇردى خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان 2011 – يىللىق مائارىپ خىزمىتى سىن يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.
ئىگىلىشىمچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسپىي مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەسقاتىدىغان ۋە ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.