ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى تۇنجى قېتىم5000يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    غەيرەت ئۆمەر خەۋىرى : ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى بۇلتۇر تۇنجى قېتىم 5000 يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىپ، 5931 يۈەنگە يەتتى. بۇ، 2009 – يىلىدىكىدىن 1099 يۈەن ئارتۇق بولۇپ، %22.72 كۆپەيدى.

    ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇلتۇر يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى، ئۈنۈمنى، كىرىمنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى. گەرچە تۈرلۈك ئېغىر تەبئىي ئاپەت بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىپ، ئاشلىق، كېۋەز ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا مەلۇم پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پاختا، گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، مېۋە – چىۋە ھوسۇلىنىڭ تېز كۆپىيىشى دېھقان – چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بەلكى كىرىمىنىڭ ئېشىش سالمىقى بىر قەدەر زور بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 4500 يۈەنلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 1431 يۈەن ئارتۇق بولۇشتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت يارىتىلدى.

    ۋىلايەت بويىچە بۇلتۇر ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئاۋات، ئۇنسۇ ناھىيەلىرىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7000 يۈەندىن، شايار، توقسۇ ناھىيەلىرىدە 6000 يۈەندىن ھالقىدى. شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسى بىلەن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى ۋىلايەت بويىچە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى تۇنجى قېتىم 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرغان ئۈلگىلىك يېزا بولۇپ قالدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!