ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

گېرمانىيە MAPS ئاكىتىپ مۇداپىئە سېستىمىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك دەلىللىدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:www.news.okan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە كۆرسەتمىلىرى نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە دىيېل BGT مۇداپىئە شېركىتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10~11 كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ساچسېن (Niedersachsen) شىتاتى فېدراتسىيە قىسىمى تېخنىكا مەركىزىدە MAPS ئاكىتىپ مۇداپىئەلىنىش
  


روسىيە « قۇرۇقلۇق ئارمىيە كۆرسەتمىلىرى » نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە دىيېل BGT مۇداپىئە شېركىتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10~11 كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ساچسېن (Niedersachsen) شىتاتى فېدراتسىيە قىسىمى تېخنىكا مەركىزىدە MAPS ئاكىتىپ مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى(Mutual Active Protection System) نىڭ ئىقتىدارىنى مۇۋاپىقىيەتلىك دەلىللەپ چىققان، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى، بىرلەشمە قوراللىق قىسىم قوماندانى ۋە خەلقئارا سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بۇ قېتىمقى سىناق پائالىيىتىگە جايلاشقان.
سىناق ۋاقتىدا، « تۈلكە » ترانسىپورت ماشىنىسىغا ئورنىتىلغان MAPS ئاكىتىپ مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى ئىلغار تۇتاش جەڭگىۋار قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇجۇم قىلىشقا كەلگەن تانكىغا قارشى راكېتا بومبىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ۋەيران قىلغان. مەزكۇر سېستىمىغا ۋەزىيەتنى سېزىش، تەھدىدنى ئېنىقلاش ۋە قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلغۇچى ئاكىتىپ ۋە پاسسىپ سنزور ھەمدە ماشىنا بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ئارىلىقىنىڭ سىرتىدا بارلىق تانكىغان قارشى قوراللارنى ۋەيران قىلىدىغان يۇقىرى ئەپچىللىككە ئىگە توسۇش قوراللىرى سەپلەنگەن. ماشىنىنى مۇداپىئە قىلغاندىن سىرت، مەزكۇر سېستىما يەنە دۈشمەننىڭ بومبا قويۇپ بېرىش ئورنىنى توغرا بەلگىلەپ، ماشىنىنى قوغداش ئۈچۈن تېزلىكتە زەربە بېرەلەيدۇ، كۆپ قېتىملىق زەربىگە ئاكىتىپ قارشى تۇرالايدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر