ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 711 كىشىگە يەتتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
18 – يانۋار، بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانېيرودىكى يېڭى فرىبۇرگو شەھىرىدە، بىر ئەر ۋەيران بولغان ئۆيىدە ئولتۇرماقتا، قۇتقۇزغۇچى خادىملار سىرتتىكى خارابىلىكنى داۋاملىق ئاختۇرماقتا    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى : بىرازىلىيە ئاخبارات
  

18 – يانۋار، بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانېيرودىكى يېڭى فرىبۇرگو شەھىرىدە، بىر ئەر ۋەيران بولغان ئۆيىدە ئولتۇرماقتا، قۇتقۇزغۇچى خادىملار سىرتتىكى خارابىلىكنى داۋاملىق ئاختۇرماقتا

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى: بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 18 – يانۋاردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانېيرو ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا قارا يامغۇر پەيدا قىلغان لاتقا – شېغىللىق ئېقىن ۋە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئېشىپ 711 كىشىگە يەتكەن، 200 نەچچە ئادەمنىڭ تېخىچە ئىز – دېرىكى بولمىغان، 21 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي – ماكانسىز قالغان.

18 – يانۋار، بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانېيرودىكى يېڭى فرىبۇرگو شەھىرىدە، قۇتقۇزغۇچى خادىملار لاتقا – شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ئاختۇرماقتا

18 – يانۋار، بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانېيرودىكى يېڭى فرىبۇرگو شەھىرىدە، بىر ئەر پاتقاق كوچىدىن ئۆتمەكتە

18 – يانۋار، بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانېيرودىكى يېڭى فرىبۇرگو شەھىرىدە، بىر ئاپتوموبىل پاتقاققا پېتىپ قالدى

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر