قىرغىن قىلىش كۈچى كىشىنى چۆچۈتىدۇ
‹‹ ئۆزىنى قوشۇپ ۋەيران قىلغۇچى كارتېر››
چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى 8–دېكابىر تېلېگراممىسى : ئىرانغا ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كەتكەن بىر نەپەر ھەربىي ئىنژېنېر يېقىندا چەت ئەلگە ئاشكارىلاپ : ئىران ھازىر 15 مىڭ دانە ‹‹ ئۆزىنى قوشۇپ ۋەيران قىلغۇچى كارتېر›› دىن تەشكىللەنگەن ‹‹ئۆزىنى قوشۇپ ۋەيران قىلغۇچى فىلوت›› قۇرۇۋاتىدۇ ، دېگەن .
ئەنگىلىيە ‹‹ قۇياش گېزىتى››نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىنژېنېر ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ‹‹ئۆزىنى قوشۇپ ۋەيران قىلغۇچى فىلوت›› قۇرۇشقا تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلىقىنى ، ۋەتىنىنىڭ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قېلىشنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقتىن ، بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىغانلىقىنى ئېيتقان .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ‹‹ ئۆزىنى قوشۇپ ۋەيران قىلغۇچى كارتېر›› نىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 6 مېتىر كېلىدىكەن ، ئۇ كۆپ مىقداردا C4 پارتلاتقۇچ دورىنى ئېلىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ ، ھەرىكىتى ئىنتايىن چاققان ئىكەن . گەرچە ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى ئەپچىل بولسىمۇ ، بىراق قىرغىن قىلىش كۈچى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن .
نۆۋەتتە ، ئىران 9000 دىن ئارتۇق ‹‹ ئۆزىنى قوشۇپ ۋەيران قىلغۇچى كارتېر›› تەشكىللىگەن ھەمدە 30 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي كېمە خادىمىغا قارىتا تەربىيەلەش ئېلىپ بارغان بولۇپ ، ‹‹ئۆزىنى قوشۇپ ۋەيران قىلغۇچى فىلوت›› قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئەنگىلىيە ئارمىيەسى كونتروللىقىدىكى پېرسىيە قولتۇقىدا چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن .