ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىدا زەھەر توشۇيدىغان مەخپى يەر ئاستى يولى بايقالدى

2010-يىلى11-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:hawarqi.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مېكسىكا ھۆكۈمەتلىرى 25-نويابىر ئامېرىكا مېكسىكا چىگرا رايۇنلىرىدا ئىككىنچى زەھەر يۆتكۈش يولىنى بايقىغان. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، بۇ مەخپى يەر ئاستى يولىنىڭ بىر ئۇچى مېكسىكا چىگرا شەھىرى ت
  

美墨警方在边境地区发现秘密毒品走私地道

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مېكسىكا ھۆكۈمەتلىرى 25-نويابىر ئامېرىكا مېكسىكا چىگرا رايۇنلىرىدا ئىككىنچى زەھەر يۆتكۈش يولىنى بايقىغان.
مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، بۇ مەخپى يەر ئاستى يولىنىڭ بىر ئۇچى مېكسىكا چىگرا شەھىرى تىجۇانادىكى بىر ئۆيگە تۇتىشىدىكەن، يەنە بىر ئۇچى ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر ئامبارغا تۇتىشىدىكەن. ئامېرىكا مېكسىكا ساقچىلىرى بۇ يەر ئاستى يولىدا بىر قىسىم نەشىنى قولغا چۈشۈرگەن.
11بۇنىڭدىن بۇرۇن، 11-ئاينىڭ4-كۈنى، ئامېرىكا ساقچىلىرى كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان دىيېگو سانائەت رايۇنىغا تۇتۇشىدىغان بىر مەخپى يولدىن 30 توننا نەشە بايقىغان ئىدى.
مېكسىكا ھەربىي قىسىملىرى ئىزچىل تۈردە مېكسىكىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىك گوروھى بىلەن بولغان كۆرەشكە قاتنىشىپ كەلگەن . 2006-يىلى مېكسىكا زۇڭتۇڭى كالدېرۇن تەخىتكە چىققان شۇنداقلا زەھەر ئەتكەسچىلىك گوروھىغا زەربە بېرىشنى باشلىغاندىن بۇيان، 30 مىڭ ئادەم بۇ كۆرەشتە قۇربان بولغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!