ھەركەت خاراكتېرلىك زىققە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەركەت خاراكتېرلىك زىققە ھەركەتتىن كىلىپ چىقىدىغان زىققە دەپمۇ ئاتلىدۇ . ئۇ بەلگىلىك ھەركەت قىلىغاندىن كىيىن قوزغلىدۇ ، كۆپ ساندىكىلىرى ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كىتىدۇ . كۆپ ھاللاردا ھەركەت قىلىپ 6-10مىنۇتتىن كىيىن كۆكرەك سىقىلىش بىلەن دەم سىقىلىش كۆرۈلىدۇ ، كۆكرەكىنى تېڭىشىغۇچ بىلەن تېڭشىغاندا خىرىلىدىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ ، بىر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئاستا-ئاستا پەسيىپ قالدۇ . ھەركەت خاراكتىرلىك زىققە ئاساسلىقى بىر قانچە خىل ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. بىرنىچى بەزى ئادەمىلەرنىڭ نەپەس يولى سىسىتىمىسى بىر قەدەر ناچار ھاۋاغا ( سەزگۈ) كىلىدۇ .ھەركەت قىلىغاندا تېز شۈمۈرلىگەن قۇرغاق ، سوغۇق ھاۋا كانايچىنى غىدىقىلاپ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىككىنچى بەلگىلىك مىقىدار ھەركەت قىلىغاندىن كيىن ئىسىقىلىقىنىڭ خورىشى نەپەس يولى تېمىپىراتورىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا ، كانايچا سىيلىق مۇسكۇل ھۈجەيرە قىسىقىرايدۇ ، تۆۋەندىكى تېمىپىراتورىدا ھېستامىن( بىر خىل ئاجىراتما ) كانايچىنىڭ قسقىرشىنى كۈچەيتىىپ كانايچىنىڭ تارتىشىپ قېلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭىدىن باشقا ، ھەركەت قىلغاندا بەدەندىكى سۇنىڭ خورشى كانايچە يۈكچىلىىرىنىڭ ئەتراپىدا ۋاقىتىلىق سىڭىش ھالتنى پەيدا قىلىپ ، كانايچە سىلىق مۇسكۇللرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەركەت خاراكتىرلىك زىققە تۇنجى قېتىم قوزغالغاندىن كىيىن ، كۆپ ساندىكى بىمارلاردا كىيىن ھەركەت قىلىسمۇ يەنىلا زىققە قوزغىلىدىغان ھەركەت قوزغايدىغان بىر خىل ئامىل ھىسابلىندۇ . ھەركەت خاراكتىرلىك زىققە كىلسىگە گىرىپىتار بولغانلار ئادەتتە ھەركەت قىلىشىتىن پەرىز تۇتمىسىمۇ بۇلىدۇ . بىراق ئىمىكانقەدەر جىددىي ھەركەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم . ئادەتتە ھەركەت قلىشىتىن بۇرۇن سالبوتامول پۈركۈش دورسىدىن 2-3قېتىم پۈركىۋالسا زىققە قوزغلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ .
مەنبە ؛ ساغلاملىق