بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
خۇرۇچلىرى: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.
سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.
ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ) ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ.
پىچىنە پىرەنىكلەر بەكمۇ تاتلىق،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بار يەنە شاھ يېمەكلىك ساڭزا ئاتلىق.
تىزىلسا داستىخانغا بۇ يېمەكلەر،
مېھماننىڭ دىلى يايراپ قۇچار شاتلىق.
پايدىلىنىش ماتىرىيالى:ئۇيغۇر تائاملىرى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يەنە بىر تورداشنىڭ قىيىقچا سىلىشنى ئۈگۈتۈپ يازغان يازمىسى بار ئىكەن، ئۇنىمۇ ئۈگۈنۈپ قويغۇلۇق ئىكەن.
ھازىر نۇرغۇن ئانىلار ھېيتلىق پىشۇرۇقلارنى بازاردىنلا ئالغاچقا قىزلار ساڭزا، بوغۇرساق، قىيىقچا قاتارلىقلارنى سېلىشنى بىلمەي چوڭ بولىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ساڭزا ھەم ساڭزا تۈرىدىكى مايلىق پىشۇرۇقلار ئەنئەنىۋىي مىللىي تائاملىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكىم ھېيت - ئايەملىرىمىزدىكى داستىخىنىمىزنىڭ گۈل تاجى بولۇپ كەلگەن. ھازىر بازارلاردا ھەممە نەرسە تەييار بولىۋاتقان بولسىمۇ پەقەت قىزلىرىمىزغا ئۈگۈتۈشكە تېگىشلىكلەرنى چوقۇم ئۈگەتمىسەك بولمايدۇ. ساڭزىنىغۇ داۋاملىق بازاردىن تاپقىلى بولىدۇ ئەمما قىيىقچىنى ھەممىلا جايدىن تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەردە قىيىقچا سېلىشنى دەپ بېرەي. خانىم - قىزلار پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
قىيىقچىنىڭ خېمىرىغا تۇخۇمدىن باشقا ھېچ نەرسە ئارلاشتۇرۇلمايدۇ. ئىز تورى www.iz.la