ئەقىل ھۇشى بۇلغاچقا چالا.
پەرغانىلىك كەلسە باستۇرۇپ,
مىھمان قىلدى سۇيدۈرۈپ كالا.
* * * *
* * * *
تۈن بالىسى يالماۋۇز بالا,
مىجەز خۇلقى بۇلغاچقا ئالا.
نان بەرگەننىڭ كىسىپ قۇلىنى,
گۇلخان يېقىپ ئۇينىدى ساما.
* * * * بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
* * * *
تۈن بالىسى يامالۋۇز بالا,
دىلى ئۇنىڭ كۈمۈردەك قارا.
خۇتەنلىكنى داغدا قالدۇرۇپ,
يۈرىكىنى ئەيلىدى يارا.
* * * *
* * * *
تۈن بالىسى يالماۋۇز بالا,
ئانا يۇرتقا ياغدۇردى بالا.
دگەنلىرىم رىۋايەت ئەمەس,
ئىشەنمىسەڭ كىتابقا قارا.